guide
بىزنىڭمۇ بوۋىمىز بار
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
847 قىتىم
كەرىم ئىسىملىك بىر بوۋاي قالپاق سېتىپ جان باقىدىكەن . ئۇ قولىدىكى قالپاقلارنى كۆپرەك سېتىش ئۈچۈن ، سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ يېزا-كەنتلەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپ سودا قىلىدىكەن .     ياز كۈنلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ، ﻫاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ ، ئۇ نۇرغۇن يەرلەرگە بېرىپ بىر ئاز ﻫېرىپ قاپتۇ ۋە بىرەر يەرنى تېپىپ مۈگدىۋالماقچى بوپتۇ . ئۇ شاخلىرى زىچ ، يوپۇرماقلىرى بولۇق ئۆسكەن بىر تۈپ ئەنبەﻫ دەرىخىنى كۆرۈپ قاپتۇ .دەرەخ تۈۋى سالقىن بولغاچقا ئۇ قالپاق قاچىلانغان سىۋەتنى يېنىغا قويۇپ ، ئەنبەﻫ دەرىخىگە يۆلەنگىنىچە ئۈگدەشكە باشلاپتۇ . بەك ﻫېرىپ كەتكەنلىكتىن تاتلىق ئۇيقىغا كېتىپتۇ . بىراق ئۇ ئۇيقىدىن ئويغىنىپ قارىسا سېۋەتتىكى قالپاقلارنىڭ بىرىمۇ يوق .
   -ﻫەي ، نەس باستى -دە، -كەرىم قاتتىق خاپا بولۇپ كېتىپتۇ ، -ئوغرى نېمىشقا مېنى كۆزلەپ قالغاندۇ؟
    ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قارىسا دەرەخ ئۈستىدە سانجاق-سانجاق مايمۇنلار تۇرغۇدەك . ﻫەر بىر مايمۇننىڭ بېشىدا ئۇنىڭ قالپىقى بار ئىكەن . ئۇ مايمۇنلارغا قاراپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپتۇ ، مايمۇنلارمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن چىقىرشىپتۇ . ئۇ مايمۇنلارغا قاراپ ﻫەييارلىق قىلىپتۇ ، نەتىجىدە ﻫەييارلىق قىلىشقا مايمۇنلار ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئۇستا ئىكەن . ئۇ ئاخىرى ئۇلارغا قارىتىپ تاش ئېتىپتۇ ، مايمۇنلار بولسا ئەنبەﻫلەرنى ئۈزىۋېلىپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئېتىپتۇ ، ئەنبەﻫلەر خۇددى يامغۇر تامچىلىرىدەك ئۇنىڭ بەدىنىگە تاراسلاپ تېگىشكە باشلاپتۇ.
    كەرىم ئامالسىز ئاچچىقىدا بېشىدىكى بۆكىنى ئېلىپ يەرگە قارىتىپ غەزەپ بىلەن ئېتىپتۇ . كىم بىلسۇن ، ﻫېلىقى مايمۇنلارمۇ ئۇنى دوراپ بېشىدىكى قالپاقلىرىنى يەرگە قارىتىپ ئېتىپتۇ . كەرىم ﻫەم ﻫەيران ﻫەم خوشال بوپتۇ ، دەرﻫال بېرىپ قالپاقلارنى  يىغىپ سېۋىتىگە سېلىپتۇ-دە، يولىغا راۋان بوپتۇ.
    50 يىلدىن كېيىن كەرىمنىڭ نەۋرىسى ئاباد بوۋىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ سېۋەت كۆتۈرۈپ يېزا–كەنتلەر ئارىسىدا قاتراپ قالپاق سېتىش سودىسىغا كىرىشىپتۇ .
   ياز ئايلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ﻫاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ ، ئۇ نۇرغۇن يەرلەرنى ئايلىنىپ بەك ﻫېرىپ كېتىپ ، ئازراق مۈگدىۋالماقچى بوپتۇ . ئۇ شاخلىرى زىچ ، يوپۇرماقلىرى بولۇق ئۆسكەن بىر تۈپ ئەنبەﻫ دەرىخىنى كۆرۈپ قاپتۇ. دەرەخ تۈۋى سالقىن بولغاچقا ئۇ قالپاق قاچىلانغان سېۋەتنى يېنىغا قويۇپ ، ئەنبەﻫ دەرىخىگە يۆلەنگىنىچە ئۈگدەشكە باشلاپتۇ . بەك ﻫېرىپ كەتكەنلىكتىن تاتلىق ئۇيقىغا كېتىپتۇ . بىراق ئۇ ئۇيقىدىن ئويغىنىپ قارىسا سىۋەتتىكى قالپاقلارنىڭ بىرىمۇ يوق.
    ئاباد ئەتراپتىن يۈتكەن قالپاقلارنى ئىزدەشتۇرۈپ ، شۇنداق بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا دەرەخ ئۈستىدە سانجاق-سانجاق مايمۇن ، ﻫەر بىر مايمۇننىڭ بېشىدا قالپاق بار ئىكەن .
     ئاباد قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قاپتۇ ، ئەمما ناﻫايىتى تېزلا بوۋىسى ئېيتىپ بەرگەن ئەخمەق مايمۇنلارنىڭ قالپاقنى ئېتىپ بەرگەن ﻫېكايىسى يادىغا يېتىپتۇ .
   -توغرا، تاپتىم، -دەپ ئويلاپتۇ ئاباد، -مەن نېمىشقا بوۋامنى دوراپ بۇ مايمۇنلارنى ئەخمەق قىلىپ قالپاقلارنى قايتۇرۋالمايمەن .
    شۇنىڭ بىلەن ئاباد مايمۇنلارغا قول پۇلاڭلىتىپتۇ ، مايمۇنلارمۇ ئۇنىڭغا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپتۇ ؛ ئۇ ئۇسسۇل ئويناپتۇ، مايمۇنلارمۇ ئۇسسۇل ئويناپتۇ ؛ ئۇ قۇلىقىنى سوزۇپتۇ ، مايمۇنلارمۇ ئوخشاش ﻫەرىكەت قىپتۇ ؛ ئۇ ئوڭ قولىنى كۆتىرىپتىكەن، مايمۇنلارمۇ ئوڭ قولىنى كۆتىرىپتۇ ، پەيت كەلدى دەپ بىلگەن ئاباد بېشىدىكى قالپىقىنى يەرگە قارىتىپ ئېتىپتۇ.
    دەل شۇ چاغدا بىر مايمۇن دەرەختىن ئۇچقاندەك چۈشۈپ ئاباد يەرگە ئاتقان قالپاقنى ئېلىۋېلىپ يەنە شۇنداق تېزلىكتە دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ كېتىپتۇ . ئاباد گاڭگىراپلا قاپتۇ ، بۇ ۋاقىتتا دەرەختىكى بارلىق مايمۇنلار ئاغزىلىرىنى يوغان ئېچىشىپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ.
    - مېنىڭلا بوۋام بار دەپ ئويلىغانمىدىڭ ، ئەخمەق .