بالىڭىزغا يېڭى مېۋىلەرنى بەرسىڭىزسالامەتلىكىگە پايدىلىق
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-16
- كۆرۈلۈشى:
- 2133 قىتىم
بالىڭىزغا يېڭى، ساپ، پاكىز، زىدە بولمىغان مېۋىلەرنى سېتىۋېلىپ يېگۈزۈپ بەرسىڭىز بالىڭىزنىڭ ساغلام ئۆسىشىگە پايدىلىق. بىراق مېۋە -چېۋە سېتىۋالغاندا شۇ پەسللىك مېۋىلەرنى تاللاپ سېتىۋالغىنىڭىز، ﻫەر قېتىمدا بەك جىق ئېلىۋالمغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى مېۋە ئۇزاق تۇرغانسىرى تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار ئازلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بالىڭىزغا مېۋىنى تاماقتىن كېيىن ياكى تاماقنىڭ ئالدىدا بەرمىگىنىڭىز ياخشى. مېۋە يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارلىقى ﻫىساپلىنىدۇ. مەسىلەن: چۈشلۈك ئويقۇدىن ئويغانغاندا بىرەر تال ئالما ياكى ماندارىن بىرىش دېگەندەك.
بالىلارغا مېۋە بەرگەندە، ئىسسىقچان، ئاسان قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغان بالىلارغا ئەڭ ياخشىسى تەبئىتى سوغۇق مېۋىلەرنى مەسىلەن: نەشپۈت، تاۋۇز، بانان، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلارنى يىگۈزگەن ياخشى. بالىڭىز زۇكام بولۇپ يۆتىلىپ قالسا نەشپۈتنى ناۋات بىلەن قوشۇپ، سۇدا دۈملەپ پىشۇرۇپ سۈيىنى ئىچكۈزۈپ بەرسىڭىز شىپا تاپىدۇ. ئەگەر ئىچى سۈرۈپ قالسا، نەشپۈت بەرمىگىنىڭىز ياخشىراق. ۋىتامىن ئا، ۋىتامىن س غا ئىﻬتىياجلىق بالىلارغا قوغۇن، ئۆرۈك ۋە ئاپېلىسسنى كۆپرەك بەرگىنىڭىز ياخشى. بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بالىلارغا مېۋىنى جىق بەرمەسلىك ياكى شىكەر مىقدارى تۆۋەن مېۋىلەرنى تاللاپ بېرىش كېرەك.
مېۋە تەركىبىدە شىكەر كۆپ بولغاچقا، جىق يەۋەتكەندە ئىشتﻬانى تۇتۇۋىلىپ، ﻫەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، كۈندە يەيدىغان مېۋىنىڭ تۈرى ئۈچ خىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بەزى مېۋىلەرنى باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئەبنۇس بىلەن تاتلىق ياڭيۇنى بىللە يىسە بولمايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مېۋىلەرنى يېيىشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇش، ئاقلاشقا تىگىشلىك مېۋىلەر بولسا پاكىز ئاقلاپ يېيىش كېرەك.