يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-28
- كۆرۈلۈشى:
- 2490 قىتىم

ھازىر يان تېلېفون كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ بىرىنچى قاتىلىغا ئايلانماقتا . جۇڭشەن ئۈنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى كۆز كېسىلى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى لۇ جىنخۇانىڭ ئېيتىشىچە يان تېلېفون كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆزىگە بولغان زىيىنى تېلېۋىزورنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنىنىڭ 12 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.
ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش كىتاب ئوقۇش كومپيۇتېر يان تېلېفون بىلەن مەشغۇلات قىلىش ۋاقتى زىيادە ئۇزاق بولۇپ كەتسە ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسنىڭ تەكلىپى: بالىلارنىڭ يېقىندىكى نەرسىگە قارىغان ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە چوقۇم دەرھال كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش كېرەك بەش مېتىر ئارىلىقتىكى نەرسىلەرگە قاراپ بەرگەندە كۆزگە بولغان پايدىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى:
1.كۆز چارچاش. بەزى بالىلارنىڭ كىتاب كومپيۇتېر يان تېلېفون كۆرگەن ۋاقتى ئۇزارغانسىرى خەتلەر قوش كۆرۈنىدىكەن بېشىنى كۆتۈرۈپ نەرسىلەرگە قارىغاندا ئېنىق پەرق ئېتەلمەيدىكەن نەرسىلەر تەۋرەنگەندەك كۆرۈنىدىكەن. بۇلار كىرپىكسىمان مۇسكۇللارنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ كۆزنىڭ چارچىشىدىن كېلىپ چىقىدىكەن.
2.كۆز سىرتى ياللۇغلىنىش. بىر قىسىم ياش – ئۆسمۈرلەردە دانچە ئىششىق يىڭناسقۇ ياكى قاپاق گىرۋىكى ياللۇغى قاتارلىقلار تەكرار كۆرۈلىدىكەن. بەزىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 1.0 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن بۇ ئالامەت سىزنىڭ ئاللىبۇرۇن يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىڭىز ھېسابلىنىدىكەن.
3.بىر نەرسە رېئاكسىيە قىلىۋاتقاندەك سەزگۈدە بولۇش. كۆز چارچىغاندا كۆپىنچە بالىلاردا كۆزى ئوتتەك قىزىپ كېتىش قىچىشىش قۇرغاقلىشىش ئاغرىق كېڭىيىش ئېغىرلاشقاندا ئاغرىق كۆز چانىقىدىن كېڭىيىپ ھەتتا بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىش گەجگە بويۇن مۆرە ئارقىسى سىرقىراپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن بۇمۇ كۆز سەزگۈ نېرىپلىرىدە چارچاش خاراكتېرلىك زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا بولغانلىقتىن بولىدىكەن.
4. بەدەن نېرىپلىرى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى. ئەسلىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بالىلاردا ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى دەرس ئۆتۈلۈۋاتقاندا دىققىتىنى يىغالماسلىق ئىنكاسى تۆۋەنلەش تېرىككەك بولۇپ قېلىش ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىش كۆپ تەرلەش بېشى قېيىش ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. بۇمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ يىقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدىكەن.