بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-28
- كۆرۈلۈشى:
- 2083 قىتىم

ھازىر تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ بەزى ئاتا – ئانىلار قېتىقنى يېڭى كالا سۈتى ئورنىدا كىچىك باللىرىغا ئىچۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بولدى . ئۇلار كىچىك بالىلار قېتىقنى كۆپ ئىچىپ بەرسە سالامەتلىكى ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس چۈنكى بالىلار قېتىقنى قانچە كۆپ ئىچسە ئۇلارنىڭ چىرايى سارغىيىپ ئورۇقلاپ مىجەزى چۇس بولۇپ كېتىدۇ . شۇنداقلا بۇنداق بالىلار تولا يىغلايدىغان تاماق تاللايدىغان بولۇپ قالىدۇ .چۈنكى قېتىقنىڭ تەركىبىدە سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيىلىرى ناھايتى كۆپ كالتىسىي ماددىسى يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك بالىلارنىڭ تاماقلارنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ ئىشتاھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يېگۈسى كەلمەيدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ . شۇڭا كىچىك بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچكۈزمەسلىك لازىم .
مەنبە : ساغلاملىق ۋە كۈتۈنۈش