ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-28
- كۆرۈلۈشى:
- 1080 قىتىم

بىر مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى ئائىلە تەربيسى جەھەتتە ئاتا-ئانىلارغا تۆۋەندىكىدەك ئون تۈرلۈك تەكلىپنى بەرگەن.
1.بالىڭىزنى ئامالنىڭ بارىچە كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈڭ.بالىڭىز ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزغاندىلا ئۈگىنىشكە بىرىلىدىغان بولىدۇ.
2.بالىڭىزنىڭ ئۈگىنىشىگە ۋە ئەمەلىي ئىلگىرلەش ئەھۋالىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئۆزگىرشى بىلەن بالىنىڭ ئىلگىرلىگەن-ئىلگەىرلىمىگەن ياكى ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرجىسىدە ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىنى ئىنىق ئايرىش كىرەك.
3. بالىڭىزغا ھەمىشە ئورۇندىغىلى بولىدىغان بىر نەچچە كىچىك نىشان بەلگىلەپ بىرىڭ .
4. بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇڭ. بالىڭىزغا كىتابتىكى مەسىلىلارنىلا ئىشلەتكۈزمەي تۇرمۇشتىكى ھەرخىل پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا مەشىق قىلدۇرۇڭ.
5. بالىڭىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇڭ. بالىڭىز قاچا- قۇچىلارنى قول ياغلىقلىرىنى يۇيۇش كارۋىتىنى رەتلەش ئەسۋابلارنى ئىشلىتىشتەك ئىشلاردىن باشلاپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بولسۇن.
6. بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۈلگە بولۇڭ. ئەگەر ئاتا- ئانا بىرەر يىڭى كىتاب بىرەر يىڭى مەسلىگە يۇلۇققاندا ھاياجانلىندىغان بولسا بۇلارنى كۆرۈپ تۇرغان بالىمۇ ئىختىيارسىزلا تەسىرگە ئۇچراپ ئەستايىدىل كىتاب ئوقۇيدىغان دەرىستىن سىرىتقى مەشىقلىرىنى ئوبدان ئىشلەپ بىلىم ئالىدىغان بولىدۇ.
7. بالىڭىزنىڭ ئالدىدا مۇئەللىمنى چۈشۈردىغان گەپلەرنى قىلماڭ.
8. ئائىلىدە ئۆگىنىش تۈزۈمىنى بىكىتىپ بالىڭىزغا قەتئىي ئىجرا قىلدۇرۇپ ياخشى ئۈگىنىش ۋە مەشغۇلىيەت ئادىتىنى يىتىلدۈرۈڭ.
9. بالىلارنى سۇئال سوراشقا يىتەكلەڭ. سوئال سوراشقا ئامراق بالىلارنىڭ بىلىمنى قوبۇل قىلىشى پەقەت سۆزلىگەننى ئاڭلاپ بىلىم ئالدىغان بالىلارغا قارىغاندا تىز بولىدۇ ھەمدە بۇنى ئىغىر يۈك ھىس قىلمايدۇ.
10. بالىڭىز مەكتەپكە بىرىشقا دەرىس تەكرارلاشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولسۇن. ئائىلىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار تۈپەيلىدىن دەرىستىن قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمىسۇن.
مەنبە: ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىن خاتىرسىدىن