ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-28
- كۆرۈلۈشى:
- 1450 قىتىم

ئانا بالىغا نىسبەتەن بىر دىپلومات بالا بولسۇن مەيلى چوڭ ئادەم بولسۇن ئۇلارغا بۇنى قىلىشقا بۇيرۇق قىلىش ئۇنى قىلىشنى چەكلەشلەرنىڭ ھەممىسى ئەكىس تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ شۇڭلاشقا بالا قىلىماق دېمىسىمۇ ئاڭلىق قىلمايدىغان بىر خىل ئۇسۇلنى ئويلىنىش كېرەك ئۇلارنى ئۆگىنىش قىىلشقا بۇيرۇش مەجبۇرلاشنىڭ پايدىسى يوق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىشقا بۇيرۇش ئۇلارنى ئۆگىنىشكە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەشكە يەتمەيدۇ.
ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلسىنىڭ قەلبىدىكى نوپۇزىنى تىرىشىپ ساقلىشى كېرەك.بەزى ئانىلار ئاجايىپ كىيىملەرنى كىيپ رەستىلەردە مېڭىپ كىشىلەرنىڭ كۈلكە دەستىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ يەنە بەزىلەرنىڭ سۆلەتۋازلىقى رەتسىز ئۈستۋېشىمۇ ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ مەسخىرىلىك كۈلدۈرىدۇ بالا باشقا بالىلارنىڭ ئانىسىنى زاڭلىق قىلىشقانلىقىنى كۆرسە ئوڭايسىزلىنىپ كېتىدۇ شۇنداق بولۇپلا قالماي بۇ يەنە بالىلارنىڭ روھىغا ناھايىتى يامان تەسىر ئېلىپ ئېھتىياتچان بولۇشى چېچىلاڭغۇلۇق قىلىماسلىقى يەنە ھەددىدىن ئارتۇق پەرداش قىلىۋالماسلىقى كېركە ئۇنداق بولمايدىكەن ئانىنىڭ نوپۇزى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ شۇنداقلا بۇ تۆۋەنلەش بالىنى تەربىيلەشنىڭ مەغلۇم بولغانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ.
ستنا خانىم كىتابىدا مۇنداق ھېكايىنى خاتىرىلەيدۇ.
مەن بىلىدىغان ئادەملەر ئىچىدە بىر ئانا قىزىنى قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتتى ئۇ يېمەي-ئىچمەي قىزىنى سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان كىيملەر بىلەن ياساپ قويدى شۇنداق تۇرۇقلۇق قىزى ئۇنى ئازراقمۇ ياقتۇرمىدى بىر قېتىم ئۇ ماڭا:
-ئانام ئۇنداق چاكىنا كىيىملەرنى كىيىپ مەكتەپكە كەلسە ناھايىتى خىجىل بولۇپ كېتىدىكەنمەن -دېدى ئانا بولغۇچى ئۇنداق قىلماسلىق كېرەك.بەلكىم بەزىلەر بۇ قىزنى شەپقەتسىزكەن دېيىشى مۇمكىن لېكىن مەن ئۇ قىزغا ھېسداشلىق قىلمەن بۇ ئايال قىزىنى تولۇق چەت ئەلچە كەيپىياتتىكى قىزلار مەكتىپىگە بەرگەن بولسىمۇ مەن ئۇنى ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىدى دەپ قارايمەن.
بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئاىنسىنىڭ سايسى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلايدۇ ئانىنىڭ ئۈستىۋېشى رەتسىز بولسا بالىمۇ شۇنداق بولىدۇ بۇ ئۆزىدىنلا مەلۇم چېچىلاڭغۇ ناچار ئادەت دائىم بىر ئادەمنى ئۆمۈر بويى چىرمىۋالىدۇ بۇ ئادەمگە ئىنتايىن پايدىسىز.جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلە ئۈستۋېشىنىڭ رەتسىز بولۇشى سەۋەبىدىن مەرتىۋىسىنىڭ ئېشىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ.
شۇڭلاشقا بىر ئادەمنىڭ ياسىنىشى ھەرگىز كىچىك ئىش ئەمەس.
ئۈستىۋېشى رەتسىز بولسا كەيپىياتىمۇ چېچىلاڭغۇ بولىدۇ ئەكىسچە ئۈستىۋېشى رەتلىك بولسا ئادەمنىڭ روھىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ شۇڭلاشقا كىيىم-كېچەكتە ئىسراپچىلىق قىلماسلىق لېكىن چوقۇم رەتلىك بولۇش كېرەك كىيىمنى رەتلىك كىيىش يەنە ئادەمدە ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ ھەتتا ئاتمۇ شۇنداق ئۇنى ياخشى ئېگەر بىلەن ئېگەرلىسە شۈكلەپلا قالىدۇ ئات ئۇنداق بولغان يەردە بالىمۇ شۇنداق بولىدۇ-دە.ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن بالا قەتئىي ئۇلۇغ ئادەم بولالمايدۇ.
كىيىم-كېچەككە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بالىنىڭ بەدىننىڭ پاكىزلىقىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك بالىغا يۈز قوللىرىنى يۇيۇشنى ئەتىگەندە چىش چوتكىلاشنى چاچ تاراشنى ئۆگتىش كېرەك بەدەننىڭ پاكىز بولۇشىمۇ بالىدا غورۇر پەيدا بولۇشىنى ئىلىگىرى سۈرىدۇ لېكىن بالىدا قونچاقتەك ياسىنۋالىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ بالىنىڭ بۇنداق بولۇزى ئانىنىڭ تەسىردىن بولىدۇ شۇڭلاشقا چوقۇم سەگەك بولۇش كېرەك ياشىغانكەنمىز ھېچ ئىش قىلمايمەن دېيەلمەيمىز بەزى ئاياللار ئۆزىنى ۋە بالىسىنى تەربىيلەشكە قىزىقمايدۇ بۇنداق ئادەملەر دائىم كىيىم-كېچەك مۇسابىقىسىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرىدۇ بالىنى تەربىيلەش ئۈچۈن بۇنىڭدىن ساقلىنىش زۆرۈر.
كۆپ سانلىق ئانىلار بالىسىنى ئوينىتىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ بۇ بەك ناچار ئىش ئۇلار ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ بالىسى بىرەر ئىشنى قىلىپ كۆرسىتەي دېسە قاراپمۇ قويمايدۇ شۇڭلاشقا بالا بىمەنىلىك ھېس قىلىپ كۆرسىتەي دېسە قاراپمۇ قويمايدۇ شۇڭلاشقا بالا بىمەنىلىك ھېس قىلىپ خۇشال بولالمايدۇ بەزىدە ھەتتا ئەيىنلىنىدۇ ۋە تاياق يەيدۇ بۇنىڭ ھەممىسى ئانىنىڭ سەۋەنلىكى ئانا بولغۇچىلار چوقۇم بالا بىلەن بىرگە ئوينىشى كېرەك بەزى ئانىلار بالىسىغا كىيىم تىكىپ بېرىش ئېرىگە پايپاق توقۇپ بېرىش قاتارلىقلارنى دەپ بالىسى بىلەن كارى بولمايدۇ بۇ ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىق بولىدۇ بالىسى تەربىيلەش ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتىھەممە كىيىمنى تىككۈچىلىك دۇكىنىغا ئاپىرىپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ بىراق كىيىم تىكىش تىكىشنى دەپ بالىغا قارىمىسىمۇ بولمايدۇ بىز زامانىۋى مەدەنىيەتلىك دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز ھەممىنى ئۆزى قىلىش تېجەشلىك بولغان ھېسابلانمايدۇ.مەدەنىي دەۋردە مەدەنىيەتنى ئىلىشتىن كېرەك ئامال بار مۇئەييەن ۋاقىت چىقىرىپ پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش كېرەك بالىلار ئۆزى ئوينىسا چوقۇم غەلۋە-غۇدۇر قىلىشىدۇ يىغلىشىدۇ توۋلىشىدۇ خۇددى بالىنى سۇ ئۈزدۈرگەندەك ئۆي ئىچىدىمۇ ئۇنىڭ ئوينىغىنىنى كۆزىتىش كېرەك.
بۇ جەھەتتە:ياپونىيىلىك ئانىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىرى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ ئۇلار تىرىشىپ بالىلار بىلەن بىرگە ئوينايدۇ بىرىنچى ئايدا بالىلىرى بىلەن قارتا ئوينايدۇ ئۈچىنچى ئايدا چوقۇنىدۇ(قىزلار بايرىمى جورىسىغا باش قويۇش ئويۇنى) بەشىنچى ئايدا ئوغۇل بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ كارىپ بېلىقى تۇغى ئاسىدۇ يەتتىنچى ئايدا يەتتىنچى ئاينىڭ يەتتسى(تىلەمچىلەر بايرىمى)نى ئۆتكۈزىدۇ.
ياپونىيلىك ئانىلار ئامېرىكىلىق ئانىلاردەك ئۆينىڭ ئىچىگە مىلىچمال دۇكىنى ئېچىپ ئەسكى-تۈسكىلەرنىڭ ھەممىسىنى تىزىپ بالىسىنى ئۇنى تۇتما بۇنىڭغا تەگمە دەپ قەدەمدە ئەيىبلەپ يۈرمەيدۇ بەلكى ئۆينى ناھايىتى ئازادە تۈزەشتۈرۈپ بالىنىڭ ئوينىشىغا قۇلايلىق يارىتىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئامېرىكىلىقلاردەك ئۆيگە ئاياغ بىلەن كىرمەيدۇ شۇڭلاشقا ئۆي ئىچى ئىنتايىن پاكىز تۇرىدۇ بالىلار يەردە ئويناۋېرىدۇ.
مەنبە:(خارۋاد تالانتلىقلىرى)دېگەن كىتابتىن ئېلىندى