guide
تۆت خىل ئەﻫۋالدا بوۋاقلارنى سۆيمەڭ
يوللانغان ۋاقتى :
12-16
كۆرۈلۈشى:
1979 قىتىم
سۆيۈش ئامراقلىقنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل شەكلى بولغاچقا، مەيلى ئاپا، دادا ياكى باشقىلار بولسۇن بوۋاقنى ئامراقلىق قىلىپ سۆيۈپ كېتىدۇ. بىراق بۇنداق ئامراقلىقنىڭ بوۋاقلارغا نىسبەتەن تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن كىشى بىلمەيدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، سۆيگۈچىلەردە زۇكام ياكى باشقا كېسەل بولسا، بوۋاقلار ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدىكەن. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئەﻫۋاللاردا بوۋاقلارنى ﻫەرگىز سۆيمەسلىك كېرەككەن.

1.ئائىلە باشلىقلىرى زۇكام، تارقىلىشچان قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى، بادامسىمان بەز ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ۋە قىزىل قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا، بولۇپمۇ ئۆزىدە تاشما، سۇلۇق قاپارتما قاتارلىق ئالامەتلەر بايقالغاندا بوۋاقلارنى سۆيمەيلا قالماستىن، بەلكى بوۋاقلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇش ﻫەم جىددىي داۋالىنىش كېرەككەن.

2.نۇرغۇن ئاشقازان ئۈچەي يولى باكتېرىيەلىرى، مەسىلەن، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلار يۇقۇملۇق بولغاچقا، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغان ياكى ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، بوۋاقلارنى سۆيمەسلىكى، يېمەكلىكلەرنى چايناپ بەرمەسلىكى ۋە پۈۋلەپ بەرمەسلىكى كېرەككەن، بولمىسا بوۋاقلار ئاسانلا يۇقۇملىنىدىكەن.

3. ئائىلە باشلىقلىرى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىرى، بولۇپمۇ چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش يىلىكى ياللۇغى ۋە چىش چىرىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا، بوۋاقلارنى سۆيمەسلىك كېرەككەن، بولمىسا بوۋاقلار ئاسانلا چىش چىرىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىكەن.

4.ئانىلار قويۇق گىرىم قىلىۋالغاندىمۇ بوۋاقلارنى سۆيمەسلىكى كېرەككەن. گىرىم بۇيۇملىرىدا ﻫامان ئاز – تولا خىمىيەلىك ماددىلار، ﻫەتتا بەزى گىرىم بۇيۇملىرىدا قوغۇشۇن بولغاچقا ئانىلار بوۋاقلارنى سۆيگەن ياكى بوۋاقلارغا ئۆزىنى سۆيدۈرگەندە، بەزى زىيانلىق ماددىلار بوۋاقلارنىڭ تېنىگە كىرىپ، بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن.