بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار سۈتىنى ساغقاندا...
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-12
- كۆرۈلۈشى:
- 1666 قىتىم

سۈت بېزى ياللۇغى جىددىي خاراكتېرلىك يىرىڭداشتىن ۋە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك بالا تۇغۇلۇپ 1-2 ئاي بولغاندا، ئانىنىڭ ئېمىتىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن پەيدا بولىدۇ.
بەزى ئانىلار سۈتۈم ئاز، دەپ قاراپ، بالىنى ۋاقتىدا ئېمىتمەيدۇ، سۈتى مەلۇم ۋاقىت يىغىلغاندىن كېيىن سېغىپ بالىسىغا بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا سۈت يىغىلىپ، سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.