guide
بوۋاقلارنىڭ چىشىنى قانداق ئاسراش كېرەك؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
720 قىتىم
بوۋاقلارنىڭ چىشىنى قانداق ئاسراش كېرەك؟

بوۋاقنىڭ چىشى چىقىشتىن بۇرۇن ﻫەر كۈنى ئاخشىمى بارمىقىڭىزغا پاكىز داكا ئوراپ بالىنىڭ چىش مىلىكى ۋە تاڭلاي قىسمىنى يېنىك سۈركەپ بېرىش كېرەك . بۇ ئۇسۇل قانچە بالدۇر باشلانسا شۇنچە ياخشى . سۈت چىشى چىقىشقا باشلىغاندا ، بۇ ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللىنىش لازىم . تاماقتىن كېيىن بالىلارغا ئىلمان سۇ بەرسە ، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ .   
بالىغا يىغلىغاندا ياكى ئۇخلاتقاندا سۈت ياكى تاتلىق ئىچىملىكلەرنى بەرمەسلىك ، قايناق سۇ بېرىش لازىم . ئەڭ ياخشىسى قايناق سۇنى ئىستاكاندا بېرىش كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندا چىشنى ئاسرىغىلى بولىدۇ .   مەيلى ئىمىتكەندە ياكى سۈت پاراشوكى بەرگەندە بولسۇن ، چوقۇم ئىمىتىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش ، يۇقىرىقى ۋە تۆۋەنكى چىش ئوقۇرى چىشنى بېسىۋېلىپ ، بالىلارنىڭ جاغ سۆڭىكى ۋە چىشنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ غەيرىيلىك پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .
   بالا ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن ، سۈت چىشى تولۇق چىقىپ بولىدۇ . بۇ چاغدا بالىغا چىشنى توغرا چوتكىلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ ، مېۋە تەملىك چىش پاستىسى ئېلىپ بېرىش لازىم . بوۋاقلار ئاغزىدىكى سۇيۇقلۇقنى چىقىرىۋېتىشنى بىلمەيدۇ ، شۇڭا فىتورلۇق چىش پاستىسى ئىشلىتىشتىن ئېﻬتىيات قىلىش كېرەك .