ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت ......
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-28
- كۆرۈلۈشى:
- 2049 قىتىم

ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئنگلىزتىلى كومپىيوتۇر ساز ئۆگىتىدىغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بىرىپ تەتىللەردە ھەرخىل كۇرۇسلارغا ئاپىرىپ ئۆزىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش بۇرچىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغاندەك ھىس - تۇيغۇلاردا يۇرۇيدۇ ئەمما بىر ئادەم ئۇچۇن توغرا يول توغرا ئەقىدە دۇرۇس ئىتىقاددا ياشاش نان تىپىپ يىيىشكىلا پايدىسى بولىدىغان ئقتىدارلارنى ھازىرلاشتىن كۆپ مۇھىم . شۇڭا پەرزەنت تەربىيسىنىڭ يادىروسى بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن بالىسىغا قانداق ئادەم بولۇشنى نىمە ئۈچۈن ياشاشنى ھاياتتا قايسى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلپ ياشاشنى ئۇگۇتۇشتۇر . ئەمما كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى قىلالمىغان ئىشلارنى باللىرى قىززىقمىسىمۇ ئۇلارنى قىلىشقا زورلايدۇ دىمەك شۇنى بىلمەك قىيىن ئەمەسكى پەرزەنت تەربىيسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بالىدا ياكى نۆل ياشتا قورساقتىكى ۋاقتىدا ئەمەس بەلكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىدە
دەرۋەقە بىر مىنۇتنىڭ قۇدىرتى ناھايىتى ئۇلۇغ بىر ئانا پەرزەنت تەربىيلەشتە نۇرغۇنلىغان ‹‹ بىر مىنۇتلارنى ›› باشتىن كەچۇرىدۇ بىراق گەپ ئۇنىڭ شۇ بىر مىنۇتتا قانداق ئشلارنى قىلىشىدا
بىرمىنۇت يىقىنلىشىش
_ بالىڭىزنىڭ قولىنى بىر مىنۇت تۇتۇپ بىشىنى بىر مىنۇت سىيلاپ باغرىڭىزغا بىر مىنۇت بىسىپ ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تەبرىكلىسىڭىز مىھرىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭ ئشەنچىسىگە ئشەنچ قوشقان بولىسىز
گىپىگە بىر مىنۇت قۇلاق سىلىش
_ بەزىدە شۇنداق ئالدىراش چىغىڭىزدا بالىڭىز كوڭلىدىكىنى ئيتىش ئۇچۇن سىزگە تىلفۇن بىرىدۇ ياكى يىنىڭىز غا كىلىدۇ . بۇچاغدا بارلىق دىقىتىڭىز بىلەن ئۇنڭ گىپىگە بىر مىنۇت قۇلاق سىلىڭ شۇندىلا بالىڭىز بىلەن ئوتتىراڭلاردىكى ئىشەنچ مىھىر - مۇھەببەت تىخىمۇ ئاشىدۇ .
بىر مىنۇت بىللە ئويناش
_ بىللە ئويناش ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتىرسىدىكى مىھىر - مۇھەببەتنى تىخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇ بالىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇدۇ . بىر مىنۇت ئچىدە تۈزۈتۈش
_ بالىنىڭ خاتا ئىش قىلغىننى كورگەن شۇ بىر مىنۇت ئىچىدە خاتالىقىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۇشەندۇرۇپ تۈزۈتىشكە يىتەكچىلىك قىلىڭ
بىر مىنۇت ماختاش
_ بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئوزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ . بۇ ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇڭ ۋە بايقىغان ھامان بىر مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئلھام بىرىڭ .