guide
تالانت ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋام قىلىمايدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
01-28
كۆرۈلۈشى:
1336 قىتىم

يىغىپ ئېيتقاندا گىرتسىيىنىڭ نوپۇسى كۆپ بولمىسىمۇ ناھايىتى كۆپ دۇنياغا داڭلىق تالانتلىق شەخىسلەر بارلىققا كەلگەن.گولدۇن بۇنى گرېتسىيىلىكلەرنىڭ ئېسىل نەسەبلىك ئادەملەردىن بولغانلىقىغا مۇجەسسەملىگەن ئۇ:گرېتسىيىلىكلەرنىڭ نەسلى بىز (ياۋروپالىقلار)دىن ئەلا خۇددى بىز ئافرىقىدىكى يەرلىك كىشىلەردىن ئەلا تۇرغىنىمىزدەك دەيدۇ ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ تۇغما ئىقىتىداردىن باشقا نەرسىلەرنىڭمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى قىلچە ئېتىبارغا ئالمىغان ئاچقۇچلۇق بىر نوقتا ئۇ باشقا كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئوخشاش تەربىينىڭ قىممىتىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن ئافىنادا ئوخشاش تەربىينىڭ قىممىتىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن ئافىنادا تالاتلىق شەخىسلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ بولۇشىدا گرېتسىيىلىكلەرنىڭ نەسلىنىڭ ئەلا بولۇشى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئامىل بولۇشى مۇمكىن بىراق ئەڭ مۇھىم ئامىل يەنىلا بالدۇر تەربىيلەشنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئافىنادا بىر خىل ئادەتكە ئايلانغانلىغىدا گولدۇن بۇنى قىلچە سەزمىگەن شۇڭلاشقا ئۇنىڭ تالانت قارىشىدا يۈزەكلىك ساقلانغان.
گولدۇن ئاتالمىش ئىرسىيەت خاراكتېرلىك تالانتلىق شەخسلەر توغرىسىدا بەزى مىساللارنى توپلىغان بولسىمۇ لېكىن بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن مىساللار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ ناھايىتى كۆپ تۇغما تالانتلىق شەخىسلەر ئەگەر تۇغۇلغاندىن كېيىن تەربىيلەنمىگەن بولسا تالانت ئىگىسى بولۇپ چىقمىغان بولاتتى خۇددى تالانت ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشمايدۇ دېگەن ماقالدەك ئەلۋەتتە بىز ئىقىتىدار ئىرسىيەتلىك بولىدۇ دېگەننى ئازراقمۇ ئېتىراپ قىلىمايمىز ئەمەس يەنە كېلىپ ئىقتىدارنىڭ ئىرىسىيەتلىك بولۇشىمۇ لوگىكىغا ئۇيغۇن ئىقتىدارنىڭ ئىرسىيەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسەكمۇ بىراق ئىرسىيەت نەزەرىيچىلىرى تالانتلىقلار ئىرسىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بەدەن ئالاھىدىلىكى ئىرسىيتىدىن خېلى بەك ئاز بولىدىغانلىقى ھەمدە تالانت ئېرىسىيىتى مىساللىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغانلىقىغا چوقۇم جاۋاب بېرىشى كېرەك.
ئەمەلىيەتتە ئىقتىدارنىڭ ئىرسىيەت ئىكەنلىكىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن لوگىكىغا ئۇيغۇنلىقىنى ئادەم نەسلىنى ياخشىلاش نەزەرىيىچىلىرىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ بىراق ئىقىتىدارنىڭ ئىرسىيىتى ھەرگىز ئەمەلىي بولمايدۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىغا ئىرسىيەت قالدۇرغان ئىقتىدارى پەقەت بىر ئېھتىماللىق بايقىمىسا ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ پەقەت ئۇنى بايقاپ تەرەققىي قىلىدۇرغاندىلا ئۇنىڭدا ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ.
ناھايىتى كۆپ كىشىلەر(ئادەم نەسلىنى ياخشىلاش ئىسلاھاتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئادەمنىڭ ئىقىتىدارى تۇغما تالانتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ دەپ قارايدۇ.تۇغۇلغاندا%80تەبئىي تالانتى بار بالىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ%80كە يېقىن ئىقىتىدارى بولىدۇ تۇغۇلغاندا%60تۇغما تالانتى بار بالىدىمۇ%60ئەتراپىدا ئىقىتىدار بوىلدۇ كۆپلىگەن كىشىلەر يەنە تۇغۇلغاندا ناھايىتى
يۇقىرى تۇغما تالانتىقائىگە بالىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ كارى بولمىسىمۇ كۆپىنچىسى تالانتىلىق شەخىسلەردىن بولىدۇ تۇغما تالانتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ ئۇنىڭ بىر قىسىم يوشۇرۇن ئىقىتىدارىنى جارى قىلىدۇرالايدۇ دەپ قارايدۇ لېكىن بىز يۇقىرىقى سەپسەتىلەرنىڭ ھېچقانچىلىك توغرا تەرىپى يوق دەپ ئېيتماي تۇرالمايمىز ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان بىر ئەمەلىيەت شۇكى ھازىرقى مائارىپ ناھايىتى تەرەققىي قىىلغان بولسىمۇ لېكىن بالىنىڭ تۇغما تالانتى ھەرگىز نىسبەتەن بويىچە جارى قىىلدۇرۇلمايدۇ %80تەبئىي تالانتى بار بالىىنىڭ جارى قىلىدۇرغان تالانتى%40كە يەتمەيدۇ.%60تۇغما تالانتى بار بالىنىڭ جارى قىلىدۇرغان تالانتى%30كە يەتمەيدۇ ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئىرسىيەت خاراكتېرلىك تۇغما تالانتلىقلار مىساللىرىنىڭ ئاز بولۇشىنى تۇغما تالاننىڭ نەتىجىسى دېگەندىن تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى دېگەن تۈزۈك.
بۇنداق بولغاندا بەزى ئادەملەر:(تالانتلىقالرنىڭ چىقىشى بىلەن تۇغما تالانتنىڭ مۇناھىۋىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمامسىز!دەپ سورىشى مۇمكىن ياق بىز تالانتلىقالرنىڭ چىقىشى بىلەن تۇغما تالاتنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىىلمىز بىراق ئەڭ بەك تەكىتلەيدىغىنىمىز ئەگەر بالا پەقەت تۇغما تالانتىغىلا تايانسا ھېچ ئىشتا ئۇتۇق قازىنالمايدۇ بالىنىڭ تۇغۇلغاندا ناھايىتى يۇقىرى تۇغما تالانتى بولىدۇ ئەگەر جارى قىلدۇرۇلمىسا ئۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ جەمئىيەتتە ناھايىتى يۇقىرى تۇغما تالانتلىق بالىلار چىقتى ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ تالانتى تولۇق جارى قىلىدۇرۇلمىغاچقا ئادەتتىكىلا ئادەملەردىن بولۇپ قالدى.ئىقىتىدارنىڭ ئىرىسىيەتلىكى نەزەرىيە جەھەتتىن تۇرغۇزۇلغان بولسىمۇ بىراق ئىرسىيەت خاراكتېرلىك تالانتلىقلارنىڭ چىقىشى توغرىسىدىكى مىساللارنىڭ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىشىدىكى سەۋەب دەل مۇشۇنىڭدا.
مەنبەخارۋاد تالانتلىقلىرى)دېگەن كىتابتىن ئېلىندى