guide
ئۈرۈمچىدە ۋىلدان ئانا بالىلار پەرۋىشگاﻫى ئېچىلدى
يوللانغان ۋاقتى :
09-19
كۆرۈلۈشى:
1271 قىتىم
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ زىممىسىدىكى يۈك بارغانچە ئېغىرلاشتى، ئۇلار ئەمدى پەقەتلا ئائىلىدە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ، پەرزەنت تەربىيلەپلا قالماستىن، بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىدىن سىرت، جەمىئىيەتتە يەنە مۇﻫىم ئورۇنلارغا مۇﻫىم ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى. ئەمما بۇ يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىشى بىلەن بالىلىرىنىڭ ﻫالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق بولۇپ قېلىپ نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقلارنى كېلىپ چىقتى. بۇنداق ئەﻫۋاللارنى كۆزدە تۇتقان ﻫالدا جەمئىيىتىمىزدە ﻫەرخىل قوشۇمچە كەسىپلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ روناق تېپىشقا باشلىدى. مەسىلەن تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ﻫالىدىن خەۋەر ئالىدىغان قىرىق ئانا، يەسلى يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ﻫالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلار، چۈشتە ئائىلىسىگە قايتىشتا قىينىلىپ قالىدىغان بالىلارنى چۈشلۈك تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئائىلىۋى كىچىك ئاشخانىلار ۋە ﻫاكازالار. بۇلار گەرچە نۇرغۇن كىشىلەرگە قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، مەلۇم بىر قېلىپقا چۈشۈپ مۇنتىزىم ﻫالەتكە كەلمىگەنىدى.


بۇنداق ئەﻫۋاللارنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئانا بولغاندىن كېيىن بېشىدىن كەچۈرگەن قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتقان ﻫالدا، نۇرگۈل قۇربان خانىم ئۈرۈمچىدە مەخسۇس تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئىلمىي ﻫالدا كۈتىدىغان، يەسلى يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ﻫالىدىن خەۋەر ئالاﻫىدە پەرۋىشگاﻫ ئۈرۈمچى ۋىلدان سودا چەكلىك شىركىتى ۋىلدان ئانا-بالىلار پەرۋىشگاﻫىنى قۇرۇپ چىقتى.


كەلگۈسى ئۈمىدلىرىمىز بولغان پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئېچىلغان ۋىلدان ئانا-بالىلار پەرۋىشگاﻫىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2013-يىلى 9-سىنتەبر ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا جەمئىيىتىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق زاتلار ۋە ئاتاقلىق چولپانلىرىمىز، شۇنداقلا ﻫەرقايسى تاراتقۇلىرىمىز مەسئۇللىرى قاتناشتى. بۇ پەرۋىشگاﻫنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1300 كۋادرات مېتر بولۇپ، مۇﻫىتى ئازادە، پاكىز، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، داۋالىنىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مۇكەممەل ئائىلە مۇلازىمەت ئورنى. بۇ پەرۋىشگاﻫ 0 ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ شادلىق باغچىسى.


كۆپچىلىككە مەلۇم، بىر ئايال ئانا بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ. يېڭى ئانا بولغان بالىنىڭ ﻫالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىش، قانداق تەربىيلەش، قانداق ئوزۇقلاندۇرۇش دىگەندەك تۈرلۈك مەسىلىلەر ﻫەرقانداق ياش ئانىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىش. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە تۇغۇتلۇق ئايالنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ياخشى كۈتۈش ئىزچىل مۇﻫىم ئىش دەپ قارىلىپ كەلگەن، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ياخشى كۈتۈش پەقەت پەقەت بىر خىل ئەنئەنە ياكى قائىدە يوسۇن بولۇپلا قالماستىن يەنە تىببىي جەﻫەتتە مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغان كۆز قاراش. ئەمما تەجرىبىلىك چوڭلار بولمىغان ئەﻫۋال ئاستىدا نۇرغۇن ياش ئانىلىرىمىز يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىنى ياخشى باقالمايلا قالماستىن، ياخشى كۈتىنەلمەسلىكتەك ئەﻫۋاللار خېلى كۆپىيىپ قالدى. بۇ پەرۋىشگاﻫنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرگۈل خانىم بۇ پەرۋىشگاﻫ ئارقىلىق ياش ئانىلارنىڭ باش قېتىنچىلىقلىرىنى ﻫەل قىلدى.


بۇ پەرۋىشگاﻫنىڭ مۇﻫىتى ئازادە، خىزمەتچى خادىملىرى تاللانغان. تىببىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ كىچىك بالىلار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ، سالامەتلىك ئەﻫۋاللىرىغا مەسلىﻬەت بېرىلىدۇ. بۇلارنى ئاش-تامىقىغا مەسئۇل خادىملار بولسا ئاشخانا، رېستۇرانلارنىڭ ئاشپەزلىرىدەك ﻫەر خىل تائاملارنى چىقىرىدىغان ئۇستام بولماستىن، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە 0 ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا ماس كېلىدىغان، ئائىلىلەردە كۆپرەك ئېتىلىدىغان يۇمشاق، سىڭىشلىك، يەرلىك ئەنئەنىۋى تائاملارنى ئېتىشكە ماﻫىر ئۇستاملار تەكلىپ قىلىنغان. بالىلار پىداگوكىگىسى مەكتەپلىرىدە ئوقۇغانلارنى ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ﻫالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، سېسترالىق مەكتەپلىرىنىڭ پەرۋىش كەسىپلىرىدە ئوقۇغان قىزلارنى ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى پەرۋىش قىلىپ ﻫالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ﻫالىدىن خەۋەر ئېلىشقا يەنە تەجرىبىلىك پىسخولوگلارنى، مىللىي شىپاخانىنىڭ تەجرىبىلىك دوختۇرلىرىنى تەكلىپ قىلغان. بۇلارنى تەكلىپ قىلىشقا ئاۋۋال ساغلاملىقى تەكشۈرۈلۈپ ساغلاملىق كېنىشكىنى ئېلىپ، ئەخلاق، چىراي-تۇرقى جايىدا، پاكىز، سەمىمىي، كۆيۈمچان، بالىلارغا ﻫەقىقىي، چىن يۈرىگىدىن كۆيىنىدىغان، مەسئۇلىيەتچان خادىملار تەكلىپ قىلىنغان.


پەرۋىشگاﻫنىڭ مۇﻫىتى ئازادە، كۆركەم، كەڭرى، ئالاﻫىدە بىزەلگەن بولۇپ، ﻫەقىقىي ئائىلىنىڭ مېﻬرىنى ﻫېس قىلالايسىز. بۇنداق پەرۋىشگاﻫنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇلۇغ بىر ئىش، ۋىلدان ئانا-بالىلارنى ئەڭ ئالىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تۇغۇتلۇق ئانىلارنىڭ قىرىقى ئىچىنى تىنچ، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە، بوۋاقلارنىڭ ساغلام، بۇدرۇق چوڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ پەرۋىشگاﻫنىڭ قۇرۇلۇشى جەمئىيىتىمىزدىكى ئائىلە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مۇنتىزىملىققا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ، بۇ پەرۋىشگاﻫنىڭ ياش ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ﻫالىدىن خەۋەر ئېلىش، كۈتۈش، تەبىيەلەش قاتارلىق جەﻫەتلەردىكى ﻫەرخىل قىيىنچىلىقلىرىنى ﻫەل قىلىدىغان ۋە ئائىلە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بۇ جەﻫەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرىدىغان باشلامچى شىركەتلەردىن بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.