كىچىك بالىلار ئاڭلاشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 40 جۈملە
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-10
- كۆرۈلۈشى:
- 2318 قىتىم
كىچىك بالىلار ئاڭلاشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 40 جۈملە كىچىك بالىلارغا دائىم دېيىلىدىغان سۆزلەرنىمۇ تاللاپ دېيىش كېرەك، چۈنكى ئۆيدە كۆپ تەكرارلىنىدىغان سۆزمۇ تەبىئىي ﻫالدا ئەمدىلا تىلى چىقىۋاتقان بالىڭىزنىڭ تىلى چىققاندا تولا دەيدىغان گېپىگە ئايلىنىدۇ. بەزى مەدەنىيەتسىز گەپلەرنى ئاتا-ئانىلار ئىشلەتسە كىچىك بالىمۇ تېزلا شۇ گەپنى ئۆزىنىڭ "شۇئارى" غا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. شۇڭا بالىغا دەيدىغان گەپلەرمۇ تاللانغان بولسا بالىنىڭ ئەخلاق، ئەقىل، تەپەككۇرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بالىلار ئاڭلاشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 40 جۈملىنى ﻫوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز:

1. بىز ئەمدى ئويۇن ئوينايلى. 2. ئاپاڭ ئويلىيالمىغاننى سەن ئويلاپسەن ﻫە! 3. يۈرەكلىك بىلەن قىلغىن، خاتا قىلساڭ ﻫېچ گەپ يوق، ئەڭ مۇﻫىمى خاتالىقىڭنى تونىساڭ بولدى. 4. بىئارام بولغاندا دەۋەتسەڭ ياخشىراق، مەن سېنىڭ ﻫازىرقى ﻫېسسىياتىڭنى ناﻫايىتىمۇ چۈشۈنۈپ تۇرۇپتىمەن، مەن ساڭا ياردەملىشىپ ﻫەل قىلىشىپ بېرىمەن. 5. ئامال ﻫامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ. 6. مەن سېنىڭ كۈلگەن ۋاقتىڭنى بەك ياخشى كۆرىمەن. 7. ئۆزۈڭگە ئىشەنگىن. 8. سەن ناﻫايىتى ئەقىللىق، ئاسان ئۇسۇل بىلەن بۇ قىيىن مەسىلىنى ﻫەل قىلغىن. 9. سېنىڭ گېپىڭنىڭ ئاساسى بار، داۋاملىق سۆزلىگىن. 10. سەن ﻫېلىمۇ كۆپ تىرىشتىڭ، يەنە ئازراق تىرىشساڭلا بۇ مەسىلە ﻫەل بولۇپ كېتىدۇ.
11. سېنىڭ نېمە يېگۈڭ بار؟ بىز بىللە ئېتەيلى بولامدۇ؟ 12. بالام، غەيرەت قىلغىن، سەن چوقۇم قىلالايسەن! 13. قېنى ئىككىمىزدىن كىم بۇرۇن ئۆيگە يۈگۈرۈپ بارالايدۇ. 14. سەن يەنە ئۆسۈپسەن! 15. بالام، سەن بەك ئىش ئۇقىسەن جۇمۇ، ئاپاڭغا ياردەملىشىپ جىق ئۆي ئىشلىرى قىلىپ بەردىڭ. 16. سەن شۇنداق نوچى تۇرساڭ يەنە ئاپاڭنىڭ ياردىمىگە ئېﻬتىياجلىقمۇ؟ 17. ئويلاپ باقە، بۈگۈن سېنى ئەڭ خۇشال قىلغان ئىش قايسى؟ 18. كەچۈرگىن ﻫە، مەن سېنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپتىمەن. 19. بۈگۈن دوستۇڭ بىلەن بىللە ئويناپ خۇش بولدۇڭمۇ؟ نېمىشقا؟ 20. بۇ ئىشقا سەن قانداق قارايسەن؟ قانداق ﻫەل قىلىش ئۇسۇللىرىڭ بار؟ 21. بۇ مەسىلىنى بىز ﻫەممىمىز ئۇقمايدىكەنمىز، لېكىن بىز بىرلىكتە ماتېرىيال ئىزدەپ باقساق بولىدۇ. 22. يىغلىغۇڭ كەلگەن بولسا يىغلىۋالغىن، يىغلاپ بولغاندىن كېيىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ چىدامچان بولۇپ كېتىسەن. 23. بەدىنىڭنىڭ قەيەرى بىئارام بولىۋاتىدۇ؟ 24. بۇ ئايدا چىقىمىڭ ئېشىپ كەتتى، قېنى ئىككىمىز بەسلىشىپ باقايلى، كىم ئەڭ تېجەشلىككىن؟ 25. بۈگۈن داداڭ-ئاپاڭنىڭ خاتا قىلغان يەرى بارمۇ؟ قانداق قىلساق توغرا بولاتتى؟ 26. بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بەك كۆپ، ئالدىرىمىغىن، بىر-بىرلەپ كېلەيلى. 27. بىزگە دېگۈڭ يوق گەپلەرنى ئۆزۈڭگە دېسەڭمۇ بولىدۇ، ئۆزۈڭگە توغرا مۇئامىلە قىلغىن. 28. سەن ئاۋۋال ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىشىپ باققىن، مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىمىغىن. 29. ئاپاڭ بىردەم ئارام ئېلىشقا مۇﻫتاج، سەن ئۆزۈڭنى ياخشى كۈتكىن ﻫە. 30. سېنىڭ قايسى مىسالغا تازا ئىشەنچىڭ يوق؟ 31. بۆجەنچاق سېنىڭ ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىشىڭغا مۇﻫتاج. 32. يالغانچى بالىلارنى باشقىلار ياخشى كۆرمەيدۇ، راستچىل بولغىن ﻫە! 33. سەن ئەسكەرتىپ قويغاچقا ئاپاڭ ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 34. سەن چوقۇم باشقىلارغا تايىنىشنىڭ ئۆزىگە تايىنىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىشىڭ كېرەك. 35. يەنە بىر قېتىم قىلىپ قاراپ باققىن، نەتىجىسىدە قانداق ئوخشىماسلىق بولىدىكىن، 36. كۆپچلىكنىڭ ﻫەممىسى سەن ئېيتقان ﻫېكايىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. 37. ﻫېچقىسى يوق، سەن كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ ئىزدەنگىن! 38. بۈگۈن يىقىلىپ چۈشۈپمۇ يىغلىمىدىڭ، يارايسەن، بۇندىن كېيىن كۆپرەك دىققەت قىلغىن! 39. ئاپاڭ بۇنچە كۆپ نەرسىنى كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ، كىم ئاپاڭغا ياردەم قىلار؟ 40. سەن ﻫەقىقەتەنمۇ ئەدەپلىك جۇمۇ، بىز ﻫەممىمىز سەندىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. پىسخىكىنىڭ كۈچىگە ﻫەرگىز سەل قارىماڭ، بەزىدە ئاددى بىر جۈملە سۆزمۇ ئادەمنىڭ ﻫاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن!