نيۇ نيۇنىڭ قايغۇسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 728 قىتىم
نيۇ نيۇ ئەقىللىق بالا ئىدى. ئۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. لېكىن ﻫەر قېتىم قىلغان ياردىمى يامان ئىشقا ئايلىنىپ قالاتتى. بىر كۈنى نيۇ نيۇ ﻫويلىدا بىر مۈشۈكنى كۆرۈپ قېلىپ كۆڭلىدە:« ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى جاڭ بوۋاينىڭ ئۆيىدىن دائىم مۈشۈكنىڭ مىياڭلىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. بۇ مۈشۈك شۇلارنىڭ بولىشى مۇمكىن» دەپ ئويلاپ ،بۇ مۈشۈكنى كۆتۈرۈپ، جاڭ بوۋاينىڭ ئۆيىگە ئېلىپ چىقىپ ،ئۇنىڭ قولىغا مەجبۇرى تۇتقۇزۇپ قويۇپلا ئارقىسىغا يېنىپتۇ. بىراق، جاڭ بوۋىنىڭ ئۆيىدە مۈشۈكى يوق ئىكەن.«مىياۋ،مىياۋ،مىياۋ» دېگەن جاڭ بوۋىنىڭ كىچىك نەۋرىسى ئىكەن.بۇ مۈشۈكنى كىم يۈتتۈرۈپ قويغاندۇ؟ ئەسلىدە، بۇ مۈشۈك ئاستىنقى قەۋەتتىكى ۋاڭ ﻫەدىنىڭ ئىكەن.
نيۇ نيۇ ئەتىسى بىر ئەما كىشىنىڭ يول بويىدا تۇرغانلىقنىنى كۆرۈپ:« يولدىن ئۆتمەكچى ئوخشايدۇ،ياردەم بېرىشىم كېرەك! » ئويلاپتۇ.
نيۇ نيۇ ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى تارتىپ يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكۈزۈپ قويماقچى بولۇپتۇ.ئەما كىشى ئالاقىزادە بولۇپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ. بىراق نيۇ نيۇ ئەما كىشىنى مەجبۇرى يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ.ۋە بۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم دەپتۇ. ئەما كىشى ئاچچىقلىنىپ: -ئەستا، مەن بايىلا مۇشۇ تەرەپتىن ئۆتكەنىدىم!-دەپتۇ.
نيۇ نيۇ ئەما كىشىنى قايتىدىن يولنىڭ يەنە بىر تەرپىگە ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا مەجبۇرى بولۇپتۇ.