guide
بالىلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ دەسلەپكى بىشارەتلىرى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
823 قىتىم
چىراي ئۆزگىرىشى ئەگەر بالىنىڭ چىرايىدا تاتىرىش ياكى سارغىيىش ئالامىتى كۆرۈلسە، كېسەلنىڭ بىشارىتىدۇر.مەسىلەن، ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلاردا كالپۇك ۋە بۇرۇن ئۇچلىرى كۆكىرىش ئالامىتى قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىۆردا چىرايى تاتىرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
    يىغىسى ئەگەر بالا توساتتىنلا قاتتىق يىغلاپ كەتسە ، بىرەر يېرىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .ئەگەر ئىككى پۇتىنى پۈكۈپ تۈگۈلۈپ يىغلىسا ،قورسىقى ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .ئەگەر كۆز ۋە قۇلاقلىرىنى ئۇۋۇلاپ يىغلىسا، كۆز ياكى قۇلىقىدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ،ئەگەر بېشىغا ئۇرۇپ يىغلىسا، بېشى ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .

     كەيپىياتى ئەگەر بالا روﻫسىز ،گەپ خوشياقمايدىغان بولۇپ قالسا، بۇ كېسەلنىڭ بىشارىتىدۇر. مەسىلەن ،ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا كەيپىياتى تۆۋەنلەش، تەرسالىشىش، يالغۇزلۇقنى خالاش قاتارلىق روﻫىي ﻫالەتلەر كۆرۈلىدۇ.

    ئېمىش بالىدا ئىمىش كۈچسىز بولۇش، ئىشتىﻬاسى تۇتۇلۇش، چىرايى تاتىرىپ روﻫسىزلىنىش ئالامىتى كۆرۈلسە، بۇمۇ كېسەللىك بىشارىتى بولۇپ، دەرﻫال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك .

      بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە ئۆي تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇش ياكى كىيىمى بەك قېلىن بولۇش سەۋەبىدىن بالىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغاندا ئەنسىرەش ﻫاجەتسىز ئەگەر يۇقىرىقى ئامىلۆرنى چىقىرىۋەتكەندە ، بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى يەنىلا 37.6 تىن چۈشمىسە ،بۇ قىزىشنىڭ ئالامىتى ﻫېسابلىنىدۇ .

     چوڭ تەرىتى ئەگەر بالىنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ، يېشىل ياكى تۇخۇم سېرىقى رەڭدە سۇيۇق ﻫالەتتە كەلسە ، بۇ ئۇنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئىچى سۈرۈش يېنىك دەرىجىدە بولۇپ قىزىتمىسى ئۆرلىسە، شۇنداقلا كەيپىياتى ياخشى بولسا ،ئۇ ﻫالدا بۇ نورمال ئەﻫۋال ﻫېسابلىنىدۇ .ئەگەر ئىچى سۈرۈشى ئېغىرراق بولسا ﻫەم قىزىش ،چىرايى تاتىرىش، كەيپىياتى ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك.

     ياندۇرۇش بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي سۈت ئەمگەندە بەزىدە ياندۇرۇش ئەﻫۋاللىرى كۆرۈلىدۇ بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ﻫاجىتى يوق. ئەگەر ياندۇرۇش قېتىم سانى كۆپ ﻫەم قەﻫۋە ياكى قان رەڭگىدە ئارىلاش كەلسە ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىزىتمىسى ئۆرلەش ئەﻫۋاللىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك. بولۇپمۇ چۆچۈش، ئېس- يادى تۇراقسىزلىشىش ئەﻫۋاللىرى كۆرۈلسە ، دەرﻫال چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىپ كۆرسىتىش كېرەك