guide
ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ئارقىلىق ئالاﻫىدە ئۆتكۈر بالىلارنى يېتىشتۈرگىلى بولامدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
975 قىتىم
مۇزات ئۈچ يېشىدا مۇزىكا چېلىشنى ئۆگىنىپ، تۆت يېشىدا مۇزىكا ئىجاد قىلغان؛ كيۇرى خانىم تۆت يېشىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇغان؛ مايۇيۇ بەش يېشىدا باس ئىسكىرىپكا كونسېرتىغا قاتناشقان، سەككىز يېشىدا داڭلىق سەنئەتكار بونستان بىلەن ﻫەمكارلىشىپ مۇزىكا كونسېرتى ئۆتكۈزگەن. كۆپلىگەن تالانتلىق كىشىلەر كىچىكىدىلا مۇشۇنداق ئالاﻫىدە  ئۆتكۈر بالىلار ئىدى، لېكىن ئىدېسوننىڭ كىچىك چىغىدا ئەقلىي ئىقتىدارى  ئادەتتىكى بالىلارغا يەتمەيتتى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن كيۇرى خانىمغا ئوخشاش كىچىك چېغىدىلا پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈرلەر يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ تالانتى كېيىنكى كۈنلەردە ئاستا – ئاستا يېتىلگەن.
   بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى  بالدۇر  تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلەمدۇ؟ بۇ ﻫەقتە غەرب ئەللىرىدە  نەچچە ئون يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇنداق  قاراشتىكىلەر بولغان: بىرى، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەربىيىلەش ئارقىلىق، تالانتلىقلار ئالاﻫىدە تەربىيە ئارقىلىق يېتىلىدۇ؛ يەنە بىرى، تالانتلىقلارنىڭ يېتىلىشى تەبىئىي بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاﻫىدە زورۇقۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بالىلارغا ‹‹مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش››تەك مۇئامىلە قىلىش ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ پسىخىك تەرەققىياتى ئۈچۈن، ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
   20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا، داڭلىق چېچەن بالا –– sidis William  11يېشىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، بىر مەﻫەل زىلزىلە پەيدا قىلغان. لېكىن ئۇ ناﻫايىتى تېزلا جىسمانىي ۋە روﻫىي جەﻫەتتىن قاتتىق چارچاپ، كوچىلاردا ئاپتوبۇس بېلىتى يىغىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئەﻫۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭ ﻫېكايىسى كىشىلەردىكى ‹‹بالدۇر ئېچىلغان غۇنچە بالدۇر توزۇيدۇ، پەۋقۇلئاددە چېچەن بولۇش ياخشى ئەمەس›› دېگەن ئەنئەنىۋى قاراشنى كۈچەيتىۋەتكەن.
   ئادەتتىكى بالىلارنىڭ تەربىيىلەنگەندىن كېيىن، ئەقلىي ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلەمدۇ؟ بۇ جەﻫەتتە، ئامېرىكىدا  يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك تەتقىقات ۋە سىناق ئېلىپ بېرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە Doman Glenn  تەسىرى بار  مۇتەخەسسىس ﻫېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ قارىشى مۇنداق: بالىلار مېڭىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئالتە ياشقا كىرگەندە تېز تۆۋەنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئەقلىي تەرەققىيات بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ  يېتىلىشىگە مۇﻫىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.   بالىلارنىڭ ئالتە ياش ۋاقتى ئۇلارنىڭ  ئەقلىي ئىقتىدارىنى  تەرەققىي قىلدۇرۇشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان مەزگىل، ئەگەر بۇ مەزگىلگە ئەﻫمىيەت بېرىلمىسە، بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارىنى  تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن مەﻫرۇم قالىدۇ.
   20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا، مائارىپچى Washburne Carleton  تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئالتە ياشلىق مەزگىلىنىڭ كىتاب ئوقۇشنى مەشىق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، ئالتە ياشتا كىتاب ئوقۇشنى مەشىق قىلغان بالىلار بىلەن ئۇنىڭدىن بالدۇر كىتاب ئوقۇشنى مەشىق قىلغان بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىدا پەرق بولمىغان، كىتاب ئوقۇشنى بالدۇر مەشىق قىلغان بالىلارغا قارىغاندا كىتاب ئوقۇشنى  كېيىن باشلىغان بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان. يەنە بىر تەتقىقاتقا قارىغاندا، بەش ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش مەشىقى قىلغان بالىلار يەتتە ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇشنى مەشىق قىلغان بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.
   تافتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى Wolf Maryanne بۇ توغرىسىدا  قالتىس چۈشەنچە بەرگەن: كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى ﻫەقىقىي يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، چوڭ مېڭىنىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلىرىنىڭ مۇرەككەپ ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى، تىل ۋە ئۇقۇم شەكىللەندۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىقتىدارلارنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى  ‹‹يىلىك قىنىنىڭ شەكىللىنىشى››گە تايىنىلىدۇ، ئادەمنىڭ ‹‹يىلىك قېنىنىڭ شەكىللىنىش›› سۈرئىتى پەرقلىق بولىدۇ، ﻫالقىلىق ئورۇندىكى ‹‹يىلىك قېنىنىڭ شەكىللىنىشى›› ،ئادەتتە، بەش ياشتىن يەتتە ياشقىچە تاماملىنىدۇ، ئوغۇللارنىڭ سەل كېيىنرەك بولىدۇ.
   MaryanneWolf يەنە مۇنداق دېگەن: ئاۋسترىيىدە بالىلار يەتتە ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ﻫەرپلەرنى يېزىشنى مەشىق قىلمايدۇ، كىتاب ئوقۇمايدۇ، ياپونىيە بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى بالدۇر يېتىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بىراق ئوتتۇرىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش كۆرسەتكۈچىگە قارىساق ، ئاۋىستىرىيىدىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ياپونىيىنىڭكىدىن نەچچە ﻫەسسە كۆپ .