guide
ئوخشىمىغان ياش قاتلامدىكى بالىلارنىڭ زۇكامداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
916 قىتىم
ئوخشىمىغان ياش قاتلىمىدىكى بالىلارنىڭ زۇكامداپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدىكەن .
    نۆل ياشتىن بىر ياشقىچە بولغان بالىلارغا سۇيۇق ۋە يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك . چۈنكى بوۋاقلارنىڭ يۇقىرى نەپەس يولى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا ، ئىممۇنىتېت كۈچىمۇ ئاجىز بولىدۇ .  ئەگەر بالىنىڭ ﻫالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىنمىسا ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ۋە ناچار مۇﻫىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا ، يۇقىرى نەپەس يولى ياللۇغلىنىپ قېلىشى مۇمكىن . ئۈچ ئايلىقتىن چوڭ بالىلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك . ئەمچەكتىن ئايرىلمىغان ئەﻫۋالدا زۇكام بولۇپ بولۇپ قالسا ، ۋاقتىنچە ئازراق ئەمدۈرۈش ، سۇيۇق ياكى يۇمشاق يېمەكلىكلەر كۆپرەك بېرىپ ، كېسەلگە قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك .
    ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارغا قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش ، ئۆينىڭ ﻫاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك . بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ۋىرۇسلۇق زۇكام بولىدۇ . شۇڭا بالا زۇكام بولۇپ قالارمىكىن ، دەپ ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئاچمىغاندا ، ۋىرۇس تېخىمۇ كۆپىيىپ ، بالا ئاسان زۇكام بولۇپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ﻫەرىكەتنى ئازايتىش كېرەك ، تېنى ئاجىزراق بالىلارنى شۇ مەزگىلدە ﻫاۋاسى ئالماشمايدىغان ئاممىۋى سورۇنلار ( تاللا بازىرى ، سودا سارىيى ، كىنو - تىياتىر دېگەندەك ) غا ئازراق ئاپىرىش ، ئاپارغان تەقدىردىمۇ قايتىپ كېلىپلا قولىنى پاكىز يۇيۇش ، زۇكام بولۇپ قالغانلار بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق كېرەك .     ئۈچ ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلارغا كۆپرەك كۆكتات يېگۈزۈش  ۋە مۇۋاپىق كىيىندۈرۈش كېرەك . بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ ئادەتتە ﻫەرىكىتى كۆپ بولغاچقا ، ئاسان تەرلەيدۇ . يېمەك - ئىچمەك جەﻫەتتە قايناق سۇنى كۆپرەك بەرگەندىن سىرت ، سوغۇق يېمەك - ئىچمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك ، كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگۈزۈپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش كېرەك . قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغاندا ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش ، ئىسسىقراق ساقلاش كېرەك .
    بۇنىڭدىن سىرت ، يەسلىگە ، ئوقۇشقا كىرگەن بالىلاردا بىر - بىرىدىن يۇقۇملىنىش ئەﻫۋالى كۆپرەك كۆرۈلىدۇ ، شۇڭا سىنىپنىڭ ﻫاۋاسىنى كۆپرەك ئالماشتۇرۇپ ، ﻫاۋانى ساپلاشتۇرۇش كېرەك .