«4-1 جاڭدۇ»
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 612 قىتىم
بۇ خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭشى شەﻫىرىنىڭ چىلگە سورتى بولۇپ ، تۈپىنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك ، تۈپ ئېگىزلىكى 2.6~3.2 مېتىر ، بۇنىڭدا جەمئىي 26~30 غىچە بوغۇم بولۇپ ، 2~3 تال شاخلايدۇ . 1-گۈل رېتى 3-،5-بوغۇمىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ . ﻫەربىر گۈل رېتى 4~6 تال مېۋىلەيدۇ . يۇمران مېۋىسى يېشىل ، ئۇزۇنلۇقى 66~71.5 سانتىمېتىرغىچە ، دىئامېتىرى 8.5~10.5 مىللىمېتىر ، يەككە ئېغىرلىقى 14.9~16.3 گرام . ﻫەر تۈپتىكى ئوتتۇرىچە مېۋە سانى 23.6 تال ، مېۋىسىنىڭ يېرىلىدىغان ئورنى ۋە ئۇچى قىزىل بولىدۇ . بۇ سورت ئىسسىققا ، ساقلاشقا ۋە يۆتكەشكە چىداملىق ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ ، مو بېشى بىرلىك مەﻫسۇلاتى 1500 كىلوگرامدىن يۇقىرى بولىدۇ .