guide
قىزىل سەۋزە
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
663 قىتىم
 بۇ شىنجاڭدا تېرىلىدىغان يەرلىك سورت بولۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىدا تېرىلىدۇ . بۇ سورتنىڭ تۈپى بىرقەدەر تىك ئۆسىدۇ ، يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى قېنىق يېشىل ، يوپۇرماق ساپىقىنىڭ رەڭگى يېشىل كېلىدۇ . سەۋزە بېشى قىسقا ، سىلىندىرسىمان ياكى قسىقا كونۇسسىمان بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 11~12 سانتىمېىتىر ، دىئامېتىرى 4~4.8 سانتىمېتىر ، يەككە دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 210 گرام كېلىدۇ . سەۋزە بېشىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى كىچىك ، يىلتىز پوستى ئەۋرىشىم ، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق ، مەركىزىي قىسمىنىڭ رەڭگى توق سېرىق ،كىچىك بولىدۇ . بۇ ئارا جاغدا سورت بولۇپ ، تېرىشتىن يىغقۇچە 80~100 كۈن كېتىدۇ . سوغۇققا ، ئىسسىققا چىداملىق ، قۇرغاقچىلىققا ، ﻫۆلچىلىككە چىدىمايدۇ ، كېسەللىككە تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك ،ساقلاشقا چىداملىق ، بۇ سەۋزىنىڭ ئېتى چىڭ ، چۈرۈك ، سۇ تەركىبى ئاز ، سۈپىتى ياخشى بولۇپ ، خام يېيىشكىمۇ ، پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ ، 6-ئاينىڭ باشلىرىدا تېرىلىپ ، 10-ئاينىڭ باشلىرىدا يىغىۋېلىنىدۇ ، مو بېشى مەﻫسۇلاتى 2500 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ .