«شىنجاڭ كۈزگىسى - 20»
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 549 قىتىم
بۇ سورت ئەسلىدە خېبېي ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاشلىق،مايلىق دان زىرائەتلەر تەتقىقات ئورنىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ،1995-يىلى شىنجاڭ دېﻬقانچىلىق زىرائەت سورتلىرىنى باﻫالاپ بېكىتىش كومىتېتىنىڭ باﻫالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن.«شىنجاڭ كۈزگىسى - 20» دەپ نام بېرىلگەن.بۇ سورتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرى242كۈن،تۈپىنىڭ ئېگىزلىكى 80سانتىمېتىر،تۈپى يىغىنچاق،غولى توم،تۈپچىلەش كۈچى ئوتتۇراﻫال بولۇپ،بالدۇر پىشىدۇ.كېسەلگە،يېتىپ كېتىشكە،قۇرغاقچىلىققا تاقابىلچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك.ئادەتتىكى مو بېشى مەﻫسۇلاتى 450~500 كىلوگرام.ئادەتتە 10-ئاينىڭ1-كۈندىن 20-كۈنىگىچە تېرىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ.ئۇرۇقى ﻫەرمو يەرگە 20 كىلوگرام ئەتراپىدا سېلىنىدۇ.