guide
سەۋزە سورتىدىن ـــ دەنفۇشى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
627 قىتىم
  بۇ سورتنى جۇڭگو كۆكتات ، گۈل – گىياﻫ تەتقىقات ئورنى ئامېرىكىدىن كىرگۈزگەن . بۇ سورتنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ . بۇ سەۋزىنىڭ بېشى قىسقا سىلىندىرسىمان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 14~18 سانتىمېتىر ، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق كېلىدۇ . تەركىبىدىكى ئېرۇچان ماددىلار 5.6 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ . يۈز گرام سەۋزىدە 10 مىللىگرام كاروتىن ماددىسى بولىدۇ، پىششىقلاپ مۇراببا قىلىشقا باب كېلىدۇ ، مو بېشى مەﻫسۇلاتى 2500 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ .