تەرخەمەكنىڭ يېڭى سورتى << مېۋەتەرخەمەك1-نومۇر >>
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 718 قىتىم
<<مېۋە تەرخەمەك 1 - نومۇر>>- چىڭداۋ شەﻫەرلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۆكتات تەتقىقات ئورنىدىكىلەر يېتىشتۈرۈپ چىققان بالدۇر پىشىدىغان ياۋروپا تىپىدىكى شالغۇت تەرخەمەك سورتى. بۇ سورتنىڭ گەۋدىلىك ئالاﻫىدىلىكى ﻫوسۇلى يۇقىرى ، بالدۇر پىشىدۇ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى، تۇپراققا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، پارنىك ۋە لاپاسلاردا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ.
ئالاﻫىدىلىكى ۋە خۇسۇسىيىتى
تۈپىنىڭ ئۆسۈشى ياخشى، يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى سۇس يېشىل، ئاساسى پېلىكى ۋە يان پېلىكى ئوخشاش ۋاقىتتا مېۋىلەيدۇ. ئەتىيازدا لاپاستا بالدۇر تېرىلسا، يىغىۋالغۇچە 72 كۈن كېتىدۇ. مېۋە شەكلى قىسقا كانايسىمان، پوستى يېشىل، سىرتى پارقىراق، سىلىق، تىكىنى قىسقا، ئاز، قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 19.6 سانتېمىتىر، دىيامېتىرى ئۈچ سانتېمىتىر،ئوتتۇرچە ئېغىرلىقى 115 گىرام بولىدۇ، ساپىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.3 سانتېمىتىر كېلىدۇ،ئەتلىك قىسمى مېۋە دىيامېتىرىنىڭ %64.7 ىنى ئىگىلەيدۇ. تەملىك، ئۇزاق ساقلاشقا بولىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەردىن بۇرجەكلىك داغ كېسىلى، قىروۋسىمان پاختىلىشىش كېسىلى، يىگىلەش كېسىلى قاتارلىقلار بار.
تېرىش، پەرۋىش قىلىش ئۇسۇللىرى
ئەتىياز پەسلىدە تېرىشتا 2 - ئاينىڭ بېشى ۋە ئوتتۇرى تېرىپ 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىسى ياكى ئاخىرى مايسا تاقلىنىپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتە بىر مويەردە 3500 تۈپتىن 4000 تۈپكىچە مايسا قالدۇرۇلسا مۇۋاپىق بولىدۇ. مايسا مۇقىملاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سۇغىرىمىز،سۇنى ئېتىز يۈزىنى ياپقۇدەكلابەرسەك كۇپايە. سۇغا قوشۇپ ﻫەر مو يەرگە ئالتە كىلوگىرام ئورىيا بېرىمىز. ئاندىن ئوتاپ توپىسىنى يۇمشىتىپ، يىلتىزنىڭ ئۆسۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.يىلتىز تارتىشتىن بۇرۇن سۇنى مۇۋاپىق كونترول قىلغاندىن كېيىن مايسا كۆچۈرىمىز، يىلتىز تارتقاندىن كىيىن مېۋىنى چوڭايتىش سۈيىنى قويىمىز ﻫەم سۇ بىلەن بىللە ئوغۇتلايمىز. تەرخەمەكنىڭ مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ سىرتقى مۇﻫىتنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ ئۆرلەيدۇ. شوڭا ئوغۇتلاش ۋە سۇغىرىشنى كۆپەيتىش كېرەك. يامغۇرلۇق كۈنلەردە پارنىك لاپىسىنى يېپىۋېتىمىز. ئۈچ بوغۇمدىن كىيىنكى ئانىلىق چېچىكى، يان شاخ ۋە ئاتىلىق چېچىكىنى ئۈزىۋېتىمىز. ئۈچ بوغۇمدىن يۇقىرى يان شاخلاردا بىر مېۋە، بىر يوپۇرماق قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۇچىنى ئۈزىۋېتىمىز.