شىنخېتيەن بەش سۇڭلۇق سەۋزىسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 619 قىتىم
بۇ 80-يىللاردا ياپونىيىدىن كىرگۈزۈلگەن سورت بولۇپ ، يوپۇرمىقى قېنىق يېشىل كېلىدۇ ، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى 100~120 كۈن ، سەۋزە بېشى قىسقا، سوقىچاق بولۇپ ،ئۇزۇنلۇقى 18~25 سانتىمېتىر ،دىئامېتىرى 5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ، يەككە دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 200~250 گرام كېلىدۇ . سەۋزە پوستى ، ئېتى ۋە مەركىزىي قىسمىنىڭ ﻫەممىسى قىزغۇچ سېرىق بولىدۇ . مەركىزىي قىسمى ئىنچىكە ، ئۆزى كۆركەم ، شەكلى رەتلىك ، سۈپىتى ئەلا ، تاۋارلىقى ياخشى بولۇپ ، مو بېشى مەﻫسۇلاتى 4000 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ .