guide
تەلۋە ئانار (ناخۇش ئانار)
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
668 قىتىم
 بۇ خىل سورتنىڭ مېۋە رەڭگى ، چوڭ-كىچىكلىكى تەكشى بولمايدۇ . تەمى چۈچۈمەل ياكى قىرتاق . مېۋىسىنىڭ شەربىتى كۆپ بولۇپ ،دورىلىق قىممىتى ناﻫايىتى يۇقىرى .
  مېۋىسىنى كەسمە يۈزى 9.3×11.5 سانتىمېتىر ، بىرىنچى دەرىجىلىك مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى 441.7 گرام ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 450 گرام ، مېۋە پوستى قېلىن ،ئۇرۇقخانىسى 4 ، مېۋە دېنىنىڭ يۈز دان ئېغىرلىقى 44.6 گرام بولۇپ ،مېۋە ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ 51.04 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ . مېۋە تەركىبىدىكى ئېرىشچان قاتتىق ماددىلار 17.5 پىرسەنت ، شىرنە چىقىش نىسبىتى %57.3 . بۇ خىل سورت پىششىقلاپ ئىشلەشكە ماس كېلىدۇ .