مول-ﻫوسۇللۇق جاڭدۇ-4
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 691 قىتىم
بۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شەنتو شەﻫەرلىك ئۇرۇقچىلىق شىركىتى يېتىشتۈرگەن سورت بولۇپ ، ئاساسىي پېلىكى مېۋىلەيدۇ ، يان پېلىكى ئاز ئۆسىدۇ . 2-،3-بوغۇمىدىن دەسلەپكى گۈل رېتى ئۆسۈپ چىقىدۇ . مېۋە تۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى ، مېۋىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 60~65 سانتىمېتىر ، دىئامېتىرى بىر سانتىمېتىر كېلىدۇ . يۇمران مېۋىسى ئاچ يېشىل ، سۈپىتى ياخشى بولۇپ ، مېۋىسى ئاسان قېرىمايدۇ ، ئىسسىققا ، نەملىككە ، كېسەللىككە چىداملىق ، ئۇرۇق تېرىلغاندىن ﻫوسۇل يىغىۋېلىنغىچە 35 كۈن كېتىدۇ ، ئۇدا 30 كۈندىن يۇقىرى ﻫوسۇل ئالغىلى بولىدۇ ، كۆپلەپ ﻫوسۇل بېرىدۇ ، ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدا تۆت پەسىلدە تېرىشقا مۇۋاپىق . مو بېشى بىرلىك مەﻫسۇلاتى 1500~2000 كىلوگرامغا يېتىدۇ .