خۇڭ زۇييۈەن
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 679 قىتىم
سىچۈەننىڭ يەرلىك سورتى بولۇپ ، بۇنىڭ يان پېلىكى ئاز ئۆسىدۇ ، مېۋىسى ئاساسىي پېلىكىدە بولىدۇ ، يوپۇرمىقى يېشىل ، چېچىكى سۆسۈن ، مېۋىسى ئاچ يېشىل ، يۇمران مېۋىسىنىڭ ئۇچى سۇس سۆسۈن بولىدۇ . يۇمران مېۋىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40~60 سانتىمېتىر . ئېتى قېلىن ، سۈپىتى ياخشى ، ئۇرۇقى قارا چىلگە سورت . ﻫوسۇل ئېلىش مەزگىلى مەركەزلەشكەن ، مەﻫسۇلات ئاشۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچى كۈچلۈك ، ئىسسىققا چىداملىق . ئادەتتە مو بېشى مەﻫسۇلاتى 2000 كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ ، ئەتىياز ، ياز پەسلىدە ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ .