guide
جېجاڭ 28-2
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
734 قىتىم
 بۇ جېجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى باغۋەنچىلىك تەتقىقات ئورنىدىن كىرگۈزۈلگەن چىلگە سورت بولۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلمەكتە . بۇ سورتنىڭ تۈپى پېلەكسىمان بولۇپ ، پېلەك ئۇزۇنلۇقى 2.5~3 مېتىر بولىدۇ . ئۆسۈش ﻫالىتى ياخشى ، شاخلىنىشى ئاجىز بولۇپ ، ئاساسىي پېلەكنىڭ 4-،5-بوغۇمىدىن باشلاپ 1-گۈل رېتى ئۆسۈپ چىقىدۇ . 7-بوغۇمىنىڭ ئۈستىن باشلاپ 1-گۈل رېتى ئۆسۈپ چىقىدۇ . 7-بوغۇمىنىڭ ئۈستىدىن باشلاپ 1-گۈل رېتى بولىدۇ . چېچىكى سۆسۈن رەڭلىك ، يۇمران مېۋىسى سۇس يېشىل ، ئۇزۇنلۇقى 60~75 سانتىمېتىر ، دىئامېتىرى 0.8~1 سانتىمېتىر ، يەككە مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى 20~30 گرام ، ئېتى يۇمشاق ، قېلىن ، تالاسى ئاز ، ئاسان قېرىمايدۇ ، سۈپىتى ياخشى بولىدۇ . ﻫەربىر مېۋىسىدە 18~22 تال ئۇرۇق بولىدۇ . ئۇرۇقى بۆرەكسىمان ، چىلگە سورت بولۇپ ، تېرىشتىن باشلاپ ، يىغىۋالغۇچە 70~110 كۈن كېتىدۇ . بىرلىك مو بېشى مەﻫسۇلاتى 1800~2000 كىلوگرامغا يېتىدۇ . كۈن نۇرىغا سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك ئەمەس ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك . يۇقىرى تېمپېراتۇرا ، قۇرغاقچىلىققا ، كېسەللىككە چىداملىق كېلىدۇ . بۇ سورت مەملىكىتىمىزنىڭ ﻫەرقايسى رايونلىرىدا ئەتىياز ، ياز پەسىللىرىدە تېرىلىدۇ .