guide
ئاجىز ئۆردەك چۈجىسىنى بېقىش ئۇسۇلى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
714 قىتىم
ئۆردەك چۈجىسى كىرگۈزگەندىن كېيىن تۈرگە ئايرىش كېرەك. تۇخۇمدىن كېيىن چىققانلىرى، سۇسىزلانغانلىرى، ئاقساق - چولاقلىرى، قارىغۇلىرىنى سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ مۇۋاپىق توپقا ئايرىش كېرەك. ئاجىز چۈجىلەر تېنى ئاجىز، ئېغىر سۇسىزلانغان بولغاچقا، تۇنجى قېتىمقى سۇنى 6 - 10 سائەت ئىچىدە بېرىش ﻫەمدە %8 -%10 گىلۇكوزا ۋە يۇقىرى تەركىبلىك ئېلېكتىرولىزلىق كۆپ خىل ۋىتامىن قوشۇپ بېرىش كېرەك. بۇ چۈجە تېنىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. قارىغۇ ۋە ئاقساق - چولاقلىرىغا سۇ ئىچۈرۈپ قويۇپ، تېنى كۈچلەنگەندە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىشى ۋە دانلىشىغا قويۇپ بەرسە بولىدۇ. ئالدىنقى 5 كۈندە چۈجىخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 33 سېلسىيە گرادۇستا ساقلاش، ئۇنىڭدىن كېيىن ﻫەر كۈنى 1 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەنلىتىپ نورمال تېمپېراتۇرىغا چۈشۈرۈش كېرەك. بۇ ئۇسۇلدا 10 كۈنلەردىن كېيىن تېنى نورمال چۈجىلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ، ئەي بولۇشىمۇ %90 -%95 كە يېتىدۇ. ئاجىز چۈجىلەر نورمال چۈجىلەرگە قارىغاندا 3 كۈن كېيىن بازارغا تەييار بولىدۇ.