گۆش ئۆردىكى بېقىشتا دان تېجەش ئۇسۇلى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1061 قىتىم
ئۆردەك داننى بىر قەدەر كۆپ تەلەپ قىلىدىغان ئۆي قۇشى. بولۇپمۇ، گۆش ئۆردىكى باققاندا دان تەننەرخى ئومۇمىي بېقىش تەننەرخىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا، دان تېجەش گۆش ئۆردىكى بېقىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر ﻫېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە گۆش ئۆردىكى باقمىچىلىقىدا دان تېجەش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز: ئەلا نەسىلنى بېقىش: نەسلى ئەلا گۆش ئۆردىكىنىڭ ئىرسىي يوشۇرۇن كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك، ئۆسۈشى تېز، كېسەلگە تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك، داندىن پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئوخشاش ياشتىكىلىرىنىڭ دانلاش مىقدارى ئوخشاش بولغاندا، نەسلى ئەلالىرىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى باشقا نەسىلدىكىلەردىن تېز بولىدۇ.
تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش: گۆش ئۆردىكى 12 سېلسىيە گرادۇس - 24 سېلسىيە گرادۇسلۇق تېمپېراتۇرىدا ياخشى چوڭىيىدۇ، داندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ. شۇڭا، ئىمكانقەدەر شارائىت يارىتىپ، قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن بېقىپ، داندىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كۈندىلىك داننى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش: گۆش ئۆردىكى دېنىدىكى ئاقسىل بىلەن ئېنىرگىيە نىسبىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، داننىڭ ئېنېرگىيە قىممىتى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. داننىڭ ئېنېرگىيە قىممىتى بەك يۇقىرى بولسا، بەزى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئىسراپ بولىدۇ.
دان يېڭى بولۇش: 1) دان يېڭى بولۇش. 2) داننى تەييارلاپ شامال ئۆتۈشىدىغان، قۇرغاق يەردە ساقلاش، يەرگە بىۋاسىتە قويماي، نەملىكتىن ساقلاش كېرەك. بىرىكمە داننى ئۇدۇللۇق تەييارلاپ، ئۇدۇللۇق بېرىش، مونەكلىشىۋېلىش، كۆكىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كۆكىرىپ قالغان داننى بەرسە، ئۆردەك ئاسانلا زەﻫەرلىنىپ، ئىچى سۈرۈپ قېلىپ، داندىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. خۇرۇچنى مۇۋاپىق قوشۇش: مىنېرال ماددا، ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتا قاتارلىق ئوزۇقلۇق خۇرۇچلارنىڭ گۆش ئۆردىكىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىش ۋە ئوزۇقلۇقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش رولى بار. شۇڭا، دانغا مۇۋاپىق مىقداردا خۇرۇچ قوشسا، ﻫەم ئۆردەكنى تېز سەمرىتكىلى، ﻫەم دان تېجەپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ۋاقتىدا بازارغا سېلىش: يۇقىرىدىكى تەدبىرلەر ئارقىلىق بېقىلغان گۆش ئۆردىكىنى ئادەتتە 40 - 48 كۈنلۈك بولغاندا بازارغا سالسا مۇۋاپىق. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا گۆش ئۆردىكىنىڭ سەمرىشى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولىدۇ، 50 كۈنلۈكتىن كېيىن سەمرىشى ئاستىلايدۇ. شۇڭا، ۋاقتىدا بازارغا سېلىش كېرەك.