guide
توخو توپلىرىنى يۆتكەش ۋە تۇخۇم تۇغۇشقا باشلاشتىن ئىلگىرىكى بېقىش-باشقۇرۇش(1)
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
737 قىتىم
  توخو توپلىرىنى يۆتكەش:چۈجىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەﻫۋالىغا ئاساسەن،ئادەتتە 16~18 ﻫەپتىلىك بولغاندا،ئەڭ كېچىككەندە 19 ﻫەپتىلىك بولغاندا چۈجىلەر تۇخۇم توخوسى كاتىكىگە يۆتكىلىپ،بىرمەزگىل يېڭى مۇﻫىتقا ماسلاشتۇرۇلىدۇ.يۆتكەشتىن بۇرۇن كاتەكنى ياخشى رېمونت قىلىش،تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش،يۆتكەش قورالىنى ئەستايىدىل دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.يۆتكەشتىن ئالتە سائەت بۇرۇن يەم بېرىشنى توختىتىپ،ئالدىنقى 2~3 كۈن ۋە كاتەككە سولانغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يەمدىكى ﻫەرخىل ۋىتامىنلارنى 1~2 ﻫەسسە ئاشۇرۇش ۋە ئىچىملىك سۇ ئېلكترولىز ئېرىتمىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.توخولارنى يۆتكىگەندە،ﻫاۋا بەك ئىسسىق ۋە بەك سوغۇق بولماسلىقى كېرەك.توخولارنى تۇتۇشتىن بۇرۇن،چۈجىخانىنىڭ يورۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ،چۈجىلەرنىڭ ئۈركۈپ كېتىشدىن ساقلىنىش كېرەك.يۆتكەپ بولغاندىن كېيىن،شۇكۈنى ئۈزۈلدۈرمەي 24 سائەت يورۇقلۇق چۈشۈرۈپ،يېتەرلىك سۇ ۋە يەم بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.يۆتكەش ۋاقتىدا تۇمشۇقىنى كەسمەسلىك ،ۋاكسىنا ئۇرماسلىق كېرەك.بۇنداق قىلغاندا،غىدىقلىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.تۆتكىگەندىن كېيىن دەرﻫال يەم،سۇ بېرىپ،يەم بېرىش قېتىم سانىنى 1~2 قېتىم ئاشۇرۇش،سۇ كەم بولماسلىقى كېرەك.يۆتكەشتە،توخولار كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن،يۆتكەلگەن توخولار 4~5 كۈندىن كېيىن ئاران نورماللىشىدۇ.
   توخولارنى يۆتكەش خىزمەت مىقدارى زور،ۋاقىت جىددىي بولغان بۆسۈش خاراكتېرلىك ۋەزىپە.شۇڭا،خادىملارنى ياخشى تەشكىللەپ،خادىملارنىڭ ئالمىشىشى تۈپەتلىدىن توخولارنى يۇقۇملاندۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.توخو توپلىرىنى يۆتكەش خىزمىتىدە خادىملار ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ:بىرىنچىسى،توخو تۇتۇش گۇرۇپپىسى:ئەسلىدىكى كاتەكتىن تۇتۇپ قەپەسكە سولاپ،يۆتكەپ سولىماقچى بولغان توخولارنى توخوخانىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ؛ئىككىنچىسى،يۆتكەش گۇرۇپپىسى:توخولارنى سولىماقچى بولغان كاتەكنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ،بىراق توخوخانىغا كىرمەيدۇ؛ئۈچىنچىسى،قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىسى:يۆتكەپ كەلگەن توخولارنى سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ،ئاندىن چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئايرىم-ئايرىم ﻫالدا قەپەسكە سولايدۇ.