توخۇ دېنىغا بۇغداي قوشقاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 762 قىتىم
1. بۇغداينى ئەڭ كۆپ قوشقاندىمۇ ئېنېرگىيەلىك داننىڭ %60 ىدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك. %50 ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق، يەنى كۆممىقوناق بىلەن بۇغداينى تەڭ مىقداردا قوشسا بولىدۇ. مەسىلەن، %67 كۆممىقوناق، %20 پۇرچاق تىرىپى، %8 ﻫاك، %5 ئالدىن تەييارلانغان دان بولغان رېتسېپتا، كۆممىقوناقنىڭ يېرىمىغا بۇغداي ئالماشتۇرغاندا رېتسېپ مۇنداق بولىدۇ: كۆممىقوناق %36، بۇغداي %35، پۇرچاق تىرىپى %16، ﻫاك %8، ئالدىن تەييارلانغان دان %5.
2. بۇغداينى بەك ئۇششاق ئۇۋاقلىماسلىق كېرەك، يېرىپلا قويسا بولىدۇ.
3. كۈندىلىك دانغا بۇغداينى تەدرىجىي كۆپەيتىپ قوشۇپ بېرىش كېرەك. ئۆتكۈنچى ۋاقتى 10 كۈن بولسا مۇۋاپىق. قىسقا بولغاندىمۇ 7 كۈندىن ئاز بولماسلىق، توخۇنى بۇغدايغا تەدرىجىي كۆندۇرۇش كېرەك.
4. داندىكى بۇغداينىڭ كۆكىرىپ قېلىش ئەﻫۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئەﻫمىيەت بېرىش كېرەك. بولمىسا، ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.