كەپتەرنىڭ ئورۇقلاپ كېتىش سەۋەبى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 796 قىتىم
كەپتەر ئورۇقلاش كېسىلىنى ئاساسلىقى مۇﻫىت تازىلىق شارائىتى ناچار بولۇش، ئىچىملىك سۈيى بۇلغىنىش، كۆكىرىپ قالغان داننى بېرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەللەنگەن كەپتەرنىڭ دەسلەپتە ئىشتىﻬاسى تۇتۇلىدۇ ﻫەمدە تېز ئورۇقلاپ كېتىدۇ. كېسەلنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن نەپىسى تېزلىشىدۇ، ﻫاسىرايدۇ، كېسەل ئېغىر بولغاندا كەپتەر ئۆلۈپ قالىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە كەپتەرخانىنىڭ تازىلىقىنى، بېقىش، باشقۇرۇشنى ياخشىلاش كېرەك. كەپتەرخانىنى پات - پات تازىلاپ، قەرەللىك پاكلاش، ﻫاۋا ئالماشتۇرۇش، نەملىكتىن، سوغۇقتىن، قىستاڭچىلىقتىن ساقلاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەپتەرگە سوغۇق ئۆتۈپ زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كەپتەرگە بېرىدىغان ئوزۇقلۇق توپىغا ئىمكانقەدەر مەلۇم مىقداردا تۇز ۋە ئانتىبىيوتىك دورا، نورفلوكساتسىن (فۇپەيسۈەن氟哌酸) قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ بېرىش ﻫەمدە كەپتەرنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەپتەردە كېسەل كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا ۋىتامىن B1 ، B6 ياكى تېتراتسىكلىن (سىخۈەنسۇ四环素) دىن 50. - 1 تالدىن كۈندە 2 قېتىم، ساقايغىچە يېگۈزۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەللەنگەن كەپتەرنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ئاق گىرۋەكلىك پېيىنى يۇلۇش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ ياخشى ئۈنۈم بولىدۇ. ئىككى تەرىپىدىن بىر تالدىن يۇلىۋەتسە بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل تۇنجى قېتىم ئورۇقلاش كېسىلى بولغان كەپتەرگە بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

