سۈت كالىسى زەمبۇرۇغلۇق تېرە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 934 قىتىم

1. ئالامىتى: كالا يۇقۇملانغاندا دەسلەپتە باش قىسمىدا كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ كۆز ئەتراپى، بويۇن قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆرۈلۈپ، كېيىن بەدەنگە تارايدۇ. جايلىق ئورۇننىڭ يۇڭى تۆكۈلىدۇ، كېسەلنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تېرىدە چېگرىسى ئېنىق بولغان يۇمۇلاق تاقىر جاي پەيدا بولىدۇ، بەزى قىسىملىرىنىڭ تېرىسى پۈرتۈپ قېلىنلاپ، قوڭۇر تاشپاختىغا ئوخشاپ قالىدۇ، دەسلەپكى باسقۇچتا قىچىشمايدۇ، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ قىچىشىشقا باشلايدۇ.
2. ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش:
1) ئايرىش: بارلىق كالىنى بىر - بىردىن تەكشۈرۈپ، كېسەل ئالامىتى كۆرۈلگەنلىرىنى ئايرىم قوتاندا مەخسۇس خادىم بېقىش، كېسەللەنگەن كالىغا مەسئۇل خادىم تىمەن كالا قوتىنىغا قەتئىي كىرمەسلىك كېرەك.
2) پاكلاشنى كۈچەيتىش: ئەتراپلىق تازىلىق قىلىپ، تەلتۆكۈس پاكلاش كېرەك. قوتاننى كۈندە ئىككى قېتىم تازىلاش، ئىككى قېتىم لىزول (安苏儿)، بەيدۇشا (白毒杀) بىلەن ئالماشتۇرۇپ پاكلاش، قوتان سىرتىنى، سايمانلارنى، مەيداننى كۈندە بىر قېتىم تازىلاپ پاكلاش، خادىملارمۇ پاكلىنىش كېرەك.
3) داۋالاش تەدبىرلىرى: يۇقۇملانغان كالىنى داۋالاش 3 كۇرس داۋاملىشىدۇ، ﻫەر بىر كۇرس 7 كۈن. (1) گرىزېئوفۇلۋىن (خۇيخۇاڭمېيسۇ 灰黄霉素) ئەسلى پاراشوكىنى كالىغا ﻫەر قېتىمدا 5g دىن توغرىلاپ، كۈندە 2 قېتىم ئىچىملىك سۈيىگە قوشۇپ ئىچۈرۈش كېرەك. (2) ئالدى بىلەن جايلىق ئورۇننى لىزول ئېرىتمىسىگە چىلانغان لۆڭگە بىلەن نەمدەپ، ئاندىن چىش چوتكىسى بىلەن جايلىق ئورۇندىكى قاقاچنى چىقىرىۋېتىپ، %5 - %10 لىك يود تىنكتۇرىيىسى (碘酊) سۈرۈپ، ئاخىرىدا ئۈستىگە داكېنىڭ (达克宁) سۈرۈپ قويسا بولىدۇ. (3) قىرىۋەتكەن قاقاچنى يىغىپ ماي چېچېپ كۆيدۈرىۋېتىش، يۇقۇملانغان كالىغا ئىشلەتكەن ئەسۋابلار، مەيداننى پاكلاش، خادىملارمۇ پاكلىنىش كېرەك.
4) ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: (1) تىمەن كالىنىڭ ئىچىملىك سۈيىگە گرىزېئوفۇلۋىن ئەسلى پاراشوكى قوشۇپ بېرىش كېرەك. ﻫەر قېتىمدا ﻫەر بىر كالىغا 4g دىن توغرىلاپ، كۈندە 2 قېتىم بەرسە بولىدۇ. (2) كالىنى ﻫەر كۈنى ﻫەرىكەت مەيدانىغا چىقىرىپ ئاپتاپسىندۇرۇش كېرەك. ﻫاۋا ئوچۇق كۈنى ﻫەر كۈنى چۈشتە سائەت 12 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 كىچە چىقارسا بولىدۇ. كالىنى قوتانغا قايتۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن ﻫەرىكەت مەيدانىنى تازىلاپ پاكلاش كېرەك.