guide
قوينىڭ ﻫەمرىيى چۈشمەسلىكنىڭ سەۋەبى ۋە ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
704 قىتىم
  سەۋەبى قوي بوغاز مەزگىلدە ﻫەرىكىتى ئاز بولۇش، يېمىدە تۇز، ۋىتامىن كەم بولۇش، بېقىش، باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق، تېنى ئاجىز بولۇش، بالىياتقۇ ياللۇغى كۆرۈلۈش ۋە تېنىدە سىنك كەمچىل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر قوينىڭ ﻫەمرىيى چۈشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    دىياگنوز قويۇش كېسەللەنگەن قوي بېلىنى ئېگىپ، ئارامسىزلىنىپ تولغىنىدۇ، ئىشتىﻬاسى تۇتۇلۇپ سەل جىمغۇرلىشىدۇ، دائىم يېتىۋالىدۇ، تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، نەپەس ئېلىشى ۋە تومۇر سوقۇشى تېزلىشىدۇ. ئەگەر، ﻫەمرىيى ئۇزاققىچە چۈشمىسە، قوينىڭ جىنسىي يولىدىن سېسىق چىللە خۇن كېلىدۇ، تەركىبىدە كۈلرەڭ ئەش پارچىلىرى ۋە تومۇر بولىدۇ.
    ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قوي قوزىلاپ 48 سائەتتىن كېيىنمۇ ﻫەمرىيى چۈشمىسە، دورا ئىشلىتىپ چۈشۈرۈش كېرەك. دورا بىلەن داۋالىغاندا مالەي سۈەنمەيجياۋ شىنجيەن (碱新角麦酸ئە马) ئوكۇلىدىن0.5ml نى مۇسكۇلغا بىر قېتىم ئۇرۇش ياكى پىتۇيترىن (چۈيتى خوۋيېسۇ 素叶后体垂) ئوكۇلى ياكى ئوكسىتوتسىن (سۈيچەنسۇ 催产素) ئوكۇلىدىن 0.8ml- 1ml نى مۇسكۇلغا بىر قېتىم ئۇرۇش كېرەك.
    ئەگەر، دورا ئىشلىتىپ 48-72 سائەتكىچە ﻫەمرىيى يەنىلا چۈشمىسە، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەك.
    چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىقمۇ ﻫەمرىيىنىڭ چۈشۈشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. بالىياتقۇ ئىچىگە تېررامىتسىن (تۇمېيسۇ土霉素) كاپسۇلىدىن 0.5g كىرگۈزسە، ﻫەمرىيىنىڭ چۈشۈشىنى تېزلىتىدۇ.
    جۇڭگو تېبابەت دورىسى ئارقىلىق قوينىڭ ﻫەمرىيىنى چۈشۈرۈش:9g كىرەش (داڭگۈي 归当)، 6g بايناق (بەيجۇ 白术)، 9g گۈلبوغۇن يىمۇساۋ 益母草)، 3g ) شاپتۇل مېغىزى، 6g زاراڭزا، 3g كاشىم چۈەنشيوڭ 川芎)، 3g) ئاپېلسىن پوستى قاتارلىقلارنى ئېزىپ، قايناقسۇغا چىلاپ ئىچۈرۈش كېرەك. كېسەللەنگەن قوينىڭ تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كەتكەندە ئانتىبىيوتىك ئوكۇل ئۇرۇش كېرەك.
    ناترىي سېلېنىت-ۋىتامىن E(ياشىسۈەننا ۋېيشېڭسۇ 亚硒酸钠维生素E) ئوكۇلىنى قوي بوغاز مەزگىلدە ئۈچ قېتىم، ﻫەر قېتىمدا 0.5ml دىن ئۇرسا، ﻫەمرىيى چۈشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.