تۇخۇم توخۇسى باقمىچىلىقىدا دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە مەسىلە
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1046 قىتىم
تۇخۇم توخۇسى تۇخۇمدىن چىققاندىن تارتىپ كاتەكتىن چىقىرىلغىچە تەخمىنەن 72 ﻫەپتە بېقىلىدۇ، تۇخۇم توخۇسىنىڭ يۇقرق ﻫوسۇل ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن توخۇ نەسىللىرىنىڭ ئالاﻫىدىلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق بېقىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئىنتايىن مۇﻫىم.
تۆۋەن زىچلىقتا بېقىش
يېڭى تۇغۇلغان چۈجىلەر ئاجىز بولۇپ رىقابەت ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ، يەم يىيىش ئورنى يېتىشمىگەندە تەن ئېغىرلىقى چوڭىراق توخۇلار پۇرچاق كۈنجۈرىسى، قوناق قاتارلىق دانچىسىمان يەملەرنى كۆپىرەك يەيدۇدە ئاسان سەمىرىدۇ، كىچىك چۈجىلەر ئېشىپ قالغان پاراشوك ﻫالەتتىك يەملەرنىلا يېيەلەيدۇدە، كىچىك، ئاجىز ئۆسىدۇ ، نەتىجىدە يېتىلىشى ياخشى بولمايدۇ. چۈجە مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە كېيىن ئۇنى تولۇقلاش ئىنتايىن تەس بولىدۇ، چۈجىلەرنىڭ يىتىلىشى تەكشى بولمايدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە چۈجىلەردە سوڭى چىقىپ كېتىش، سوڭىنى چوقۇش ئەﻫۋالى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئادەتتە 0 كۈنلۈكتىن 7 كۈنلۈككىچە بولغان ﻫەر بىر چۈجىگە ㎝2.5 يەم يىيىش ئورنى، ؛ 8 كۈنلۈكتىن 14 كۈنلۈككىچە بولغان ﻫەر بىر چۈجىگە ㎝3 يەم يىيىش ئورنى،14 كۈنلۈك بولغان ﻫەر بىر چۈجىگە ㎝3.5 يەم يىيىش ئورنى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، 14 كۈنلۈك بولغاندا كاتەكلەرگە ئايرىش . 35 كۈنلۈك بولغاندا تەن ئېشىرلىقنىڭ 350 گىرامدىن ئېغىر بولىشىغا، تەكشىلىك دەرىجىسىنىڭ %80 دىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
چۈجە، ياش توخۇلارنىڭ تەكشى، ئەتىراپلك ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يەم - خەشەكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى قانچە ناچار بولسا، توخۇلارنىڭ رىقابەت بېسىمى شۇنچە كۈچىيىدۇ، توخۇلارنىڭ تەكشىلىك دەرىجىسى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. باقمىچىلار يەم - خەشەك تاللىغاندا بولۇپمۇ چۈجە، ياش توخۇلارنىڭ يەم - خەشىكنى تاللىغاندا چوقۇم سۈپەتلىكلىرىنى تاللىشى كېرەك. %5 لىك ئارىلاشما يەم - خەشەكنى مىسالغا ئالساق، ﻫەر توننا ئالدىن تەييارلانغان ئارىلاشما يەم - خەشەكنىڭ باﻫاسى 800 يۈەن قىممەت بولسىمۇ، تولۇق ۋالېنتلىق يەم - خەشەكتىن ﻫەر كىلوگىرامى ئاران 0.04 يۈەن قىممەت بولىدۇ، ﻫەر بىر يېتىلگەن توخۇ 3 كىلوگىرام ئەتىراپىدا يەم يەيدۇ دەپ ﻫېسابلىغاندا ﻫەر بىر توخۇغا كىتىدىغان يەم - خەشەك پۇلى ئاران 0.12 يۈەن كۆپ بولىدۇ، دەل موشۇنداق ئاقىلانە ئىش قىلغاندا توخۇلارنىڭ ساغلام يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
3. يورۇقلۇقنى ياخشى تېزگىنلەش كېرەك.
كۈزلۈك. قىشلىق چۈجىلەرنىڭ تەن ئېغىرلىقى 1499 گىرامغا يەتمىگەندە سۇنئى يورۇلۇق تولۇقلاشقا بولمايدۇ، تەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە يەتكەنددە ﻫەر ﻫەپتىدىكى يورۇقلۇقن تولۇقلاش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ ئەتىيازدا سۇنئى يورۇقلۇق تولۇقلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، تۇخۇملىشى %90 گە يەتمىگەندە ئومۇمى يورۇقلۇق چۈشۈش ۋاقتىنى 14 سائەت دائىرىدە تېزگىنلەش كېرەك؛ توخۇ كاتىكىنىڭ دېرىزە كۆلىمىنى كاتەك كۆلىمىنىڭ %90 ى دائىرىسىدە تېزگىنلەش كېرەك. ئاپتاپ بەك چۈشىدىغان كاتەكلەردە ئاپتاپ توسۇش تورى ئىشلىتىش كېرەك.
مېتىئونىن قاتارلىق تەركىبىدە گۈڭگۈرت بار ئامىنو كىلاتاسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تۇخۇم ئېغىرلىقنى تېزگىنلەپ، سوڭى چىقىپ قېلىش قاتارلىق ئەﻫۋاللارنىڭ كىلىپ چىقشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، نوقۇل ﻫالدا پۇرچاق كۈنجۈرىسى قاتارلىق ئاقسىللىق يەملەرنى بىرىشنى ئازايتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. يەم رېتسىپىدا تۈرلۈك ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى جۈملىدىن ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار ئۆز ئارا بىر - بىرىنى تولۇقلاش ﻫالىتىدە بولىدۇ. بەزى توخۇ باققۇچىلار تۇخۇمنىڭ چوڭىيىپ كىتىشى تۈپەيلىدىن سوڭى چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، يىرىك ئاقسىل تەركىبى بىر قەدەر ئاز رېتسىپلارنى قوللىنىدۇ، نەتىجىدە توخۇلارنىڭ كۈنلۈك يېمىدىكى تەركىبىدە گۈڭگۈرت بار ئامىنو كىسلاتاسى، مەسىلەن ئامنىو كىسلاتاسى قاتارلىقلار كەمچىل بولۇپ، سوڭ چىقىپ قېلىش ئەﻫۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.
5. كاتەككە بۆلۈپ بېقىش
توخۇلارنىڭ تەن ئېغىرلىقنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە سېلىشتۇرغاندا توخۇلارنىڭ تەكشىلىك دەرىجىسىنىڭ پەرقى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق. ئۇنى ﻫەل قىلىش ئۇسۇلى: چوڭ - كىچىك توخۇلارنى كاتەككە ئايرىپ بېقىش. كىچىكلىرىگە قارىتا كاتەك - قەپەزلەردە بىرىلىدىغان يەمنى ئايرىم تەييارلاپ بىرىش كېرەك، تەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە يەتمىگەن بولسا تەركىبىدە كالتىسى بار پاراشوكسىمان يەملەرنى كۆپەيتىپ بەرمەسلىك، ﻫەندە %1 چە سۈپەتلىك ئۆسۈملۈك يېغى قوشۇپ بىرىش كېرەك.
ئاقسىل ئېنىرگىيە مىقدارىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا ئەﻫمىيەت بىرىش كېرەك.
تۇخۇملاشقا باشلىغان مەزگىلدە پۇچاق كۈنجۈرىسىنى تەدىرىجى قوشۇپ بىرىش كېرەك، تۇخۇملاشقا باشلىغاندىن كىيىن يەم - خەشەكنىڭ ماددا ئالمىشىش ئېنىرگىيىسى ﻫەر كىلوگىرامدا 2700 كىلوكالورىيەدىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئاقسىل ئېنىرگىيە مىقدارى نىسبىتى ﻫەر گىرامدا 143 - 146 مېگاجوئۇل ئەتىراپىدا (يىرىك ئاقسىل %18 - %16.5 ئەتىراپىدا) بولىشى، سۈپەتلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى 0.5%-1% قوشۇپ بىرىپ، تۇخۇملاش مەزگىلىدىكى ﻫەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تولۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاقسىل تەركىبى ئاز، تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك، ئاقسىل ئېنىرگىيە مىقدارى نىسبىتى بەك يۇقىرى يەم خەشەك رېتسىپلىرى بويىچە بېقىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.