guide
گۆش كەپتىرىنى بېقىش، باشقۇرۇشنىڭ تېخنىكىلىق مۇﻫىم نۇقتىلىرى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
742 قىتىم
    ئەلا نەسىلنى تاللاش «ئامېرىكا ئاق كەپتەر شاﻫى»، «تايلاند كۈمۈش كەپتەر شاﻫى»، «شياڭگاڭ كەپتەر شاﻫى»، «شېنجېن كەپتەر شاﻫى»، «خېمۇ كەپتىرى»، «كانۇ كەپتىرى» قاتارلىق ئەلا نەسىللىك كەپتەرلەرنى تاللاش كېرەك.
   مۇۋاپىق دان بېرىش گۆش كەپتىرىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق دان رېتسېپى: گۈرۈچ %45، كۆك پۇرچاق %25، كۆممىقوناق %20، بۇغداي %10 ياكى كۆممىقوناق %45، كۆك پۇرچاق %25، بۇغداي %15، ئاق قوناق %15. شارائىت بولسا، ئازراق كەندىر ۋە ماش قوشۇپ بېرىش كېرەك.
    يورۇتۇشنى كۈچەيتىش كەپتەرنى كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش، ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئانا كەپتەرنىڭ بالىلىرىغا دان بېرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، كەچتە ئەڭ ياخشىسى كەپتەرخانىغا 6w ~ 10w لىق ئېنېرگىيە تېجەر چىراغدىن بىر قانچىنى ئېسىپ قويۇش كېرەك.
قەرەللىك يۇيۇندۇرۇش كەپتەرنى قەرەللىك يۇيۇندۇرسا، سىرتقى پارازىت قۇرت كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ﻫەمدە ئۆسۈش ﻫورمۇنىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تېزلىتىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. توردا بېقىلىدىغان ياش كەپتەرنى ﻫەر 15 كۈندە بىر قېتىم دۇشتا يۇيۇندۇرسا بولىدۇ، قەپەزدە بېقىلىدىغانلىرىنى تۇمانلاتقۇچ بىلەن سۇ پۈركۈپ يۇيۇندۇرۇش كېرەك، ئادەتتە ﻫەر 20 كۈندە بىر قېتىم يۇيۇندۇرسا بولىدۇ.
    كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش سىرتتىن كىرگۈزگەن ئەلا نەسىللىك كەپتەرنى چوقۇم قاتتىق كارانتىن قىلىش ۋە ئايرىپ كۆزىتىش كېرەك؛ كەپتەر باققان جايدا باشقا چارۋىلار ۋە ئۆي قۇشلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ باقماسلىق كېرەك؛ كەپتەرخانىنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاش ۋە قەرەللىك پاكلاش (دېزىنفېكسىيىلەش) كېرەك盎 كەپتەرگە ﻫەر 5 كۈندە بىر قېتىم پاكلاش دورىسى قوشۇلغان سۇ بېرىش كېرەك؛ كەپتەر باققۇچىنىڭ تېنى ساغلام بولۇشى ﻫەمدە پاكلاش ئۆيىدە پاكلانغاندىن كېيىن ئاندىن كەپتەرخانىغا كىرىشى كېرەك.
    ۋاقتىدا سېتىش گۆش كەپتىرىنى بازارغا سېلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتى 4 ﻫەپتىلىك (28 كۈنلۈك) بولغان مەزگىل بولۇپ، بۇ مەزگىلدە تەن شەكلى چىرايلىق، ئېغىرلىقى مۇۋاپىق، گۆشىنىڭ سۈپىتى ۋە تەمى ياخشى، ئوزۇقلۇقى مول بولىدۇ.