guide
چارۋىلارنىڭ ئابدىملىكتىن زەﻫەرلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
625 قىتىم
  بۇ ، چارۋىلار ئابدىملىكنىڭ ئۇزۇقى ، كۈنجۈرىسى ۋە ئۇنىڭ غول ، يوپۇرماقلىرىنى يەۋېلىشتىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل زەﻫەرلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ ، بۇ خىل كېسەللىك ئادەتتە ئاندىمىلىك كۆپ تېرىلىدىغان جايلاردا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ .
  ئابدىمىلىكنىڭ تەركىبىدە ئىككى خىل زەﻫەرلىك ماددا بولۇپ ، بۇنىڭ بىرى رىتسىن . بۇ ماددا ئابدىمىلىكنىڭ ئۇرۇقىدا %2.8 - %3 ، يېغىدا %1 بولىدۇ . يەنە بىرى رىتسفىن . بۇ ماددا ئابدىمىلىكنىڭ تەركىبىدە %2 بولىدۇ . رىتسىننىڭ زەﻫىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقتىن ، ئۇ چارۋا مالنىڭ ﻫەر بىر كىلوگرام تەن ئېغىرلىقىغا 0.2 مىللىگرامدىن توغرا كەلسلا چارۋا ئۆلىدۇ . رىتسىفىن بىر خىل ئالكالوئىد بولغانلىقتىن ئابدىمىلىكنىڭ پۈتۈن قىسمىدا بولسىمۇ ، زەﻫىرى ئاجىزراق بولىدۇ . ئۇ چارۋىنىڭ قېنىدىكى فېرىنلىق ئاقسىل ئېلېمېنتلىرىنى قاتۇرۇپ ، قىزىل قان ﻫۈجەيرىلىرىنى ئۇيۇتۇپ ، قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، جىددىي خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ . ئېغىر بولغاندا نەپەسلىنىش ، قان تومۇرلارنى ﻫەرىكەتلەندۈرۈش مەركىزى پالەچ ﻫالەتكە چۈشۈپ قېلىپ ، چارۋا مال ئۆلۈپ كېتىدۇ .
  شۇڭا چارۋا ماللارنى ئابدىمىلىك ئېتىزىدا باقماسلىق كېرەك . ئەگەر چارۋا ماللار ئابدىمىلىك يەۋالسا ، تېزلىكتە - %3 - %5 لىك ناترى بىكاربونات (سودا ) ئىچكۈزۈپ ئاشقازاننى تازىلاش بىلەن بىرگە تۈز تۈرىدىكى سۈرگە دورىلىرىغا كىراخمال قوشۇپ بىر قېتىم ئىچكۈزۈش لازىم . ئېغىر دەىجىدە زەﻫەرلەنگەن ( چوڭ ) ماللاردىن ئالدى بىلەن 500 - 1000 مىللىلىتىر قان قويۇپ بېرىپ ، ئاندىن گلۇكوزىغا كامفورا ، نىكتامىد قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ يۈرەكنى كۈچەيتىپ ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇدىغان دورىلارنى ئۇكۇل قىلىش كېرەك . ئابدىمىلىك يوپۇرمىقىدىن زەﻫەرلەنگەن قويلارغا دەرﻫال 50 مىللىتىر ئاق ﻫاراق ئىچكۈزىۋەتسە ياخشى ئۈنۈم بېرىلىدۇ .