قىشتا توخۇ توپىنى يورۇتۇش تېخنىكىسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 760 قىتىم
كۈن نۇرى توخۇ توپىنىڭ تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشتا مۇﻫىم رول ئوينايدۇ. قىشتا توخۇ توپىنى سۈنئىي يورۇتۇش ئارقىلىق، كۈن نۇرى چۈشۈش جەﻫەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ، تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
1. يورۇتۇشنىڭ تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتىگگ تەسىر كۆرسىتىشدىكى سەۋەب كەچكۈز ۋە قىشتا كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى قىسقىراپ، نۇرنىڭ توخۇ ئورگانىزىمىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئاجىزلاپ، توخۇنىڭ ﻫىپوفىز بېزى ئالدى بۆلىكىنىڭ جىنسىي ﻫورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن توخۇنىڭ تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ.
2. توخۇ توپىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان يورۇتۇش ۋاقتى: توخۇ توپى تۇخۇم تۇغۇشقا باشلىغاندىن كيىن، ﻫەر كۈنى14 ~ 16سائەت يورۇتسا مۇۋاپىق، يەنى يەردىن 2مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايغا ﻫەر 0.37كۋادرات مېتىرغا بىر ۋاتتىن توغرىلاپ چىراغ ياقسا بولىدۇ. يورۇتۇش ۋاقتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ تۇخۇم تۇغۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە يورۇتۇش ۋاقتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ تۇخۇم تۇغۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يورۇتۇش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياكى يورۇتۇش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا بولمايدۇ، بولمىسا تۇخىم تۇغۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
3. سۈنئىي يورۇتۇش ئۇسۇلى ئادەتتە، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 12 سائەتكە يەتمىسە، ئاندىن سۈنئىي يورۇتۇش زۆرۈر. تولۇقلاپ يورۇتۇش ئارقىلىق كۈندىلىك يورۇتۇش ۋاقتىنى 14 سائەت ئەتراپىغا يەتكۈزۈش كېرەك. تولۇقلاپ يورۇتۇشتا كۈندە 2 قېتىم چىراغ يېقىپ يورۇتسا بولىدۇ. يەنى، ﻫەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6دىن باشلاپ تاڭ ئاتقۇچە، كەچتە قاراڭغۇ چۈشكەندىن باشلاپ كەچ سائەت 8گىچە چىرغ ياقسا بولىدۇ. ﻫەركۈنى چىراغ يېقىش، ئۆچۈرۈش ۋاقتى ۋە توك مەنبەسى مۇقىم بولۇش، چىراغ بىلەن چىراغنىڭ ئارىلىقى 3مېتىر بولۇشى، يەم ۋە سۇ ئوقۇرلىرى چىراغ ئاستىغا قويۇلۇشى كېرەك.
4. دېققەت قىلىدىغان ئىشلار: تېنى ئاجىز، يېتىلىشى ياخشى بولمىغان، تەن ئېغىرلىقى يېنىكرەك بولغان ﻫەمدە 6 ئايلىقتىن كىچىك بولغان توخۇ توپىنى ئادەتتە سۈنئىي يورۇتمىسىمۇ ياكى كېچىكىپرەك يورۇتسىمۇ بولىدۇ. بولمىسا، تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بىر مەﻫەل ئاشقان بىلەنمۇ، ناﻫايىتى تېزلا چېكىنىپ، پۈتۈن يىللىق تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتىگە تەسىر يېتىدۇ.