سۈت كالىسى سۈت بېزى ئۆسمىسىنى داۋالاش
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1046 قىتىم
سۈت كالىسى سۈت بېزى ئۆسمىسى كۆپۈنچە ياش سۈت كالىلىرىدا پەيدا بولىدۇ، كۆپ ﻫاللاردا كالا يېلىنى كۆپچۈپ ئاغرىيدۇ، قول بىلەن تۇتقاندا يېلىن ئىچىدە قاتتىق مۈنەكچە بارلىقى بىلىنىدۇ. ئادەتتە دەسلەپكى مەزگىلدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، كۆپۈنچىسى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، سىرتقى يۈزى سىلىق، قاتتىق لېكىن ئىلاستىكلىقى بار بولىدۇ، ئۆسمە سىرتىدا مۇكەممەل ئورىغۇچى پەردە بولۇپ، ئەتراپتىكى توقۇلمىلارغا يېپىشىپ تۇتاشمايدۇ، يېلىن ئىچىدە ئەركىن ﻫەرىكەتلىنىدۇ، قىسمەنلىرىدە لىمفا بەزلىرى ئىشىپ چوڭايمايدۇ، ئەكسىچە بولغانلىرى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ﻫېسابلىنىدۇ. ئۆسمە پەيدا بولغان كالىلارنىڭ كەيپىياتى چۈشكۈن بولۇپ، بىئارام بولۇپ بىر جايدا تۇرالمايدۇ، ئاسان چوچۇيدۇ. سۈت كالىسىدىكى سۈت بېزى ئۆسمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ:
يېلىن ساغلاملىقىغا ئەﻫمىيەت بىرىش. سۈت كالىسىنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىنى قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، يېلىننى پاكىزە تۇتۇش، كالىنى مۇۋاپىق ﻫەرىكەتلەندۈرۈشنى قاتئى داۋاملاشتۇرۇش، مۇﻫىتنى تېنىچ تۇتۇش كېرەك. كالىنى ئۇرۇشقا، زەخىمنلىندۈرۈشكە بولمايدۇ، كالىنىڭ كەيپىياتىنى نورمال قىلىش، تەركىبىدە ﻫورمون بار دورا ۋە خۇرۇچلارنى ئىشلەتكەندە ئېﻬتىيات قىلىش، ﻫايۋانات خاراكتىرلىك مايلار ۋە قەنت مىقدارى كۆپ يەم خەشەكلەرنى بىرىش مىقدارىنى ئازايتىش، ئاچچىق - چۈچۈك يەم - خەشەكلەرنى بەرمەسلىك، شىرنىلىك، كۆك يەم - خەشەكلەرنى كۆپىرەك بىرىش كېرەك.
قەرەللىك ئۇۋىلاپ بىرىش. سۈت كالىسدا سۈت بېزى ئۆسمىسى بارلىق بايقالغاندىن كىيىن نورمال ئۇۋىلاش، سۈت سېغىشتىن باشقا، ﻫەر كۈنى كەچتە يەم بىرىپ بولغاندىن كىيىن يېلىننىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ئاستى قىسمىنى ئايرىم - ئايرىم ﻫالدا 50 قېتىمدىن ئۇۋىلاپ بىرىش كېرەك. بۇنداقتا يېلىندىكى قانلارنىڭ ۋە لېمفا سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال ئايلىنىشى ياخشى بولۇپ، سۈت بېزى ﻫۈجەيرىلىرىنىڭ ﻫەرىكىتى ئازىيىدۇ.
ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى. بۇ كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە قاننىڭ ئايلىنىشى راۋانلىشىپ، تاقابىلچانلىقى كۈچىيىدۇ، ياللۇغ يوقۇلۇپ، يەرلىك ئورۇندىكى ئۆسمىنىڭ ئاغرىشى يىنىكلەيدۇ.
جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرىنى بىرىش. كېسەل تەگكەن كالىغا رۇكاڭپيەن دورىسىنى كۈندە 3 قېتىم، ﻫەر قېتىمدا 30 دانىدىن يىدۈرسە بولىدۇ. شۇنداقلا رۇخېسەنجيېپيەن دورىسىنى ئازىراق يەم – خەشەككە ﻫەر قېتىمدا 10 دانىدىن ئارىلاشتۇرۇپ كۈنىگە 2 قېتىم بەرسە بولىدۇ. يەنە رۇزېڭنىڭپيەن دورىسىنى كۈندە 3 قېتىم، ﻫەر قېتىمدا 20 دانىدىن يىدۈرسە بولىدۇ. بۇ دورىلارنى يېلىندىكى ئۆسمە يوقالغىچە بېرىش كېرەك.
ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى. يۇمۇلاق شال گۈرۈچىدىن 500 گىرامغا 3000 مىللىلېتىر سۇ قوشۇپ قاينىتىپ ئۇماچ قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر سېلىپ، يەنە قورۇلۇپ ئۇۋىتىلغان قارا كۈنجۈتتىن 200 گىرام سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن كۈندە 2 قېتىمدىن ئۇدا بىر قانچە كۈن بىرىش كېرەك. شۇنداقلا 300 گىرام لامىنارىيە (خەيدەي)، 150 گىرام داتۇسەينى پاكىزە يۇيۇپ ئىنچىكە توغراپ كالىغا بەرسە بولىدۇ، شۇنداقلا ياڭاق، شاكال بەدىيان (باجياۋخۇيشياڭ) نىڭ ﻫەر قايسىسىدىن 10 دانە ئېلىپ، ياڭاقنى چېقىپ مېغىزىنى شاكال بەدىيانغا ئارىلاشتۇرۇپ،كۈندە 3 قېتىم كالىغا يەم بىرىشتىن 30 مىنۇت ئىلگىرى بىرىشنى ئۇدا نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل يېلىندىكى ئۆسمە ئاسان يوقىمىغان كېسەل كالىلارغا قوللىنىشقا مۇۋاپىق كىلىدۇ.
ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش. زۆرۈر تېپىلغاندا مال دوختۇرلىرى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئۆسمىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ، پۈتكۈل ئوپىراتسىيە جەريانىدا ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىپ ياللۇغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.