guide
قوزىلارنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىش تېخنىكىسى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
830 قىتىم
 

   ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ۋە مېتىس قويلارنىڭ قۇيرۇقى ئىنچىكە ، ئۇزۇن بولۇپ ، دائىم قۇيرۇقىنى ئىككى يانغا شىپاڭشىتىپ تۇرغانلىقتىن ، ماياقلىرى يانپېشىنى بۇلغاپ ، قۇيرۇق قىسمىدىكى يۇڭلىرىنىڭ سۈپىتىگە تەىسر يەتكۈزىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق قويلارنى ئۇرۇقلاندۇرۇشمۇ ئانچە قولايلىق ئەمەس ، يايلىتىپ بېقىش جەريانىدا ئاسانلا قۇيرۇقىنى جاراﻫەتلەندۈرىۋالىدۇ . شۇڭا قوزىلار تۇغۇلۇپ 10 - 15 بولغاندا ﻫاۋا ئوچۈق كۈنلىرىگە توغرىلاپ قوزىلارنىڭ قۇيرۇقىنى كېسۋېتىش كېرەك . ﻫاۋا تۇتۇق ياكى قار ، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى كەسسە ، كېسىلگەن جاي ئاسانلا ياللۇغلىنىپ قالىدۇ .
قوزىلارنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىشتە ئادەتتىكى داغىلاپ كېسىش ۋە بۇغۇپ چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت 2 خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ . داغلاپ كېسىشتە ، بىر ئادەم قوزىنى تۇتۇپ ، قۇيرۇقىنى مەخسۇس تەييارلانغان تاختىنىڭ تۆشۈكىدىن چىقىرىپ بېرىدۇ ، يەنە بىر كىشى ئالدىن قىزدۈرۈلغان ئامبۇر ياكى قۇيرۇق كەسكۈچ بىلەن قۇيرۇقنىڭ 3ـ ، 4ـ ئۇمۇرتقىسىدىن بوش قىسىپ داغلاپ قويرۇقنى كېسىۋېتىدۇ . بۇ ئۇسۇل ئاددىي بولۇپ ، كەسكەندە قان چىقمايدۇ ، ئەمما قوزا قىينىلىپ كېتىدۇ ﻫەمدە جاراﻫىتى ئاسان ساقايمايدۇ . بوغۇپ چۈشۈرۈش ئۇسۇلىدا ، ئېلاستىكىلىقى ياخشى رېزىنكە بىلەن قۇيرۇقنىڭ 3ـ ، 4ـ ئومۇرتقىسىدىن چىڭ بوغۇپ قويۇلىدۇ . رېزىنكىنىڭ قىسىشى بىلەن قويرۇقىنىڭ تۆۋەن قىسمىغا قان يۈرۈشمەي ، تەخمىنەن 10 كۈندىن كېيىن قۇيرۇقنىڭ تۆۋەن قىسمى يىگىلەپ چۈشۈپ كېتىدۇ . بۇ ئۇسۇل ئاددىي ، قان چىقمايدىغان ﻫەمدە تىتانوس ( قاتما ) كېسىلى يۇقۇش چەۋپى بولمىغان ياخشى ئۇسۇل ﻫېسابلىندۇ .