قىش پەسلىدە چارۋا مال بورداشتا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 901 قىتىم
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىش پەسلى ئۇزۇن ، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېپېراتۇرا ۋە ۋاقىت پەرقى چوڭ بولۇپ ، چارۋا مال بورداشقا پايدىسىز . شۇڭا قىش پەسلىدە چارۋا مال بورداشتا تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك :
1. سوغۇقتىن مۇداپىيە كۆرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك . تېمپېراتۇرىنىڭ بورداقچىلىق ئۈنۈمىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناﻫايىتى چوڭ بولۇپ ، ئەگەر ئېغىل - قوتان تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ كەتسە ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئېشىپ كېتىپ ، چارۋا ماللارنىڭ سەمىرىشىگە تەسىر يېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن قىش كىرىشتىن ئىلگىرى ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈش ، ئېغىل - قوتان قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ ، قوتان تېگىنىڭ قېلىن ﻫەم يۇمشاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . شارائىتى بار جايلاردا قىش پەسلىدە سۇلياۋ لاپاس ئىچىدە چارۋا مال بورداشنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك .
2. بېقىلىدىغان چارۋا مال زىچلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم . ئادەتتە بەلگىلىك كۆلەمدە بېقىلىدىغان چارۋا مال سانىنىڭ ئاز - كۆپلىكى ئېغىل - قوتان تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئەگەر بېقىلىدىغان چارۋا مال سانى ئاز بولسا تېمپېراتۇرا تۆۋەن ، كۆپ بولسا تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولىدۇ . دېمەك قىش پەسلىدە بوردىلىدىغان چارۋا ماللارنىڭ زىچلىقنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك . يەنى چارۋا ماللار قىسىلىشىپ ياتالىغۇدەك بولسا بولىدۇ .
3. كۈندىلىك يەم - خەشەك تەركىبىنى تەڭشەپ بېرىش كېرەك . قىش پەسلىدە چارۋا ماللار كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلايدۇ . شۇڭا بوردىلىدىغان چارۋا ماللارنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى بوغۇزنى مەلۇم نىسبەتتە كۆپەيتىپ بېرىش لازىم . بولۇپمۇ يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يەم - خەشەكلەر بىلەن بېقىش ، ئەڭ ياخشىسى كېچىسى يەنە بىر قېتىم يەم - خەشەك بېرىش لازىم . شۇنداق قىلغاندىلا چارۋا ماللارنىڭ سوغۇققا تاقابىلچانلىقىنى ، تەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
4. ئىلمان سۇ بىلەن سۇغىرىش لازىم . چارۋا ماللارغا سوغۇق ئوزۇقلۇقلارنى بەرمەسلىك كېرەك . قىش پەسلىدە چارۋا ماللارنى ئەڭ ياخشىسى 30 سىلسىي گرادۇسلۇق ئىلمان سۇ ياكى چوڭقۇر قۇددۇق سۈيى بىلەن سۇغىرىش لازىم . مۇزلاپ كاللەكلىشىپ قالغان ئوزۇقلۇقلارنى ﻫەرگىز بەرمەسلىك لازىم .
5. ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاپ بېرىش لازىم . قىش پەسلىدە كۆك ئوت - چۆپ كەمچىل بولغاچقا چارۋا ماللاردا ئاسانلا ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . ئىشتىﻬاسى تۇتۇلۇپ ﻫەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ . نەتىجىدە چارۋا ماللارنىڭ سەمرىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . شۇڭا چارۋا ماللارغا چوقۇم ئۆلچەم بويىچە ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلىق يەم - خەشەك خۇرۇچلىرى قوشۇپ بېرىش ئارقىلىق چارۋا ماللارنىڭ ئوزقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېﻬتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم .
6. چارۋا ماللارنى قۇرتسىزلاندۇرۇش خىزمىتىنى بالدۇر ياخشى ئىشلەش لازىم . قىشتا بوردىلىدىغان چارۋا ماللارنى كۈزدە چوقۇم ۋاكسىنىلاپ بولۇش ، ﻫەرگىز سەل قاراپ قىش پەسلىگە قالدۇرماسلىق لازىم . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىچكى پارازىت قۇرتلارنىڭ ئادىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ، ئېغىل - قوتانلارنىڭ تازىلىقىغا ئالاﻫىدە دىققەت قىلىش ﻫەم قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇش لازىم .
7. ﻫاۋا ئۆتۈشۈپ تۈرۈشقا ئەﻫمىيەت بېرىش لازىم . قىش پەسلىدىمۇ ئېغىل - قوتانلارنىڭ ﻫاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ ، ﻫاۋانىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم .
8. چارۋا ماللارنى شامالدىتىپ ، كۈن كۆرسىتىش لازىم . كۆپىنچە كىشىلەر قىشتا بوردىلىدىغان چارۋا ماللارن كۈن نۇزى چۈشمەيدىغان قاراڭغۇ جايلاردا باقىدۇ . بۇنداق قىلغاندا چارۋا ماللارنىڭ ﻫەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن چارۋا ماللارنى ﻫاۋا ئوچۇق كۈنى مەلۇم ۋاقىت سىرتقا چىقىرىپ ئازىراق ﻫەرىكەتلەندۇرۇش لازىم .