guide
چۈجىلەرگە بەك بالدۇر ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
656 قىتىم
  ئەتىياز پەسلى چۈجە چىقىرىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتى . كۆپ ساندىكى توخۇ باققۇچىلار چۈجە تۇخىمدىن چىقىپ 2 - 3 كۈن بولا - بولمايلا ۋاكسىنا ئەملەشكە ئالدىراپ كېتىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس . چۈنكى تۇخۇم شەكىللىنىش جەريانىدا قان تەركىبىدىكى ئىممۇنلۇق ئانتىتېلا تۇخۇم سېرىقىغا ئۆتىدۇ . تۇخۇم باستۇرۇلۇپ تۆرەلمە يېتىلىشكە باشلىغاندىن تارتىپ تاكى چۈجە چىقىپ 7 كۈنلۈك بولغىچە تۇخۇم سېرىقىدىن ئانتىتېلارنى سۈمۈرۈپ ئالىدۇ . ئەگەر چۈجە تۇخۇمدىن چىقىپ 3 - 4 كۈن ئارىلىقىدا ۋاكسىنا ئەملەنسە ، چۈجە تېنىدىكى ئانىلىق ئانتىتېلا بىلەن ۋاكسىنا ئوتتۇرىسىدا مۇۋازىنەت زېئاكسىيسى يۈز بېرىپ ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىۋېتىدۇ .
   شۇڭا ، چۈجە تۇخۇمدىن چىقىپ 8 - 9 كۈنلۈك بولغاندىن كېيىن توخۇ يالغان ۋاباسىنىڭ || نەۋئىلىك ۋاكسىنىسىنى بۇرنىغا تېمىتىپ ، 30 كۈنلۈك بولغاندا يەنە بىر قېتىم تېمىتىپ ئىممۇنلاش ، 60 كۈنلۈك بولغاندا توخۇ يالغان ۋاباسىنىڭ | نەۋئىلىك ۋاكسىنىسىنى ئەملەش كېرەك .