ئۆچكىگە ئەملىنىدىغان بىر قانچە خىل ۋاكسىنا
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 808 قىتىم
1. ئۆچكە زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە كېسىلىگە ئاليۇمىن ﻫىدروكسىدلىق ۋاكسىنا يىلىدا ئىككى قېتىم ، يەنى 3 - ئاي ۋە 9 - ئايدا ئەملىنىدۇ . بۇ خىل ۋاكسىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ۋاقتى يېرىم يىل بولۇپ ، ئۆچكە دۇمبە قىسمىنىڭ تېرە ئاستىغا ئەملىنىدۇ . 6 ئايلىقتىن كىچىكلىرىگە 3 مىللىيگرام ، 6 ئايلىقتىن چوڭلىرىغا 5 مىللىيگرام ئەملەنسە بولىدۇ .
2. قوي تۆت بىرلەشمە ۋاكسىنىسى ياكى قوي بەش بىرلەشمە ۋاكسىنىسى ﻫەر يىلى 2 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 3 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە ۋە 9 - ئاينىڭ ئاخىرى 2 قېتىم ئەملىنىدۇ . ئۆچكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ئوخشاشلا تېرە ئاستى ياكى مۇسكۇلدىن 5 مىللىيگرام ئەملىنىدۇ. ئەملىنىپ 14 كۈندىن كېيىن ئىممۇنېتىت كۈچى ﻫاسىل بولىدۇ .
3. ئاليۇمىن ﻫىدروكسىدلىق ۋاكسىنىنى بوغاز ئۆچكىگە ئەملىسە ، ئوغلىقىدا ئىممۇنىتېت كۈچى ﻫاسىل بولىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئوغلاق تولغىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . تۆللەش ئالدىدىكى 20–30 كۈن ۋە 10-20 كۈندە ئارقا پۇتىنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ تېرە ئاستىغا 2-3 مىللىيگرامدىن 2 قېتىم ئەملىنىدۇ . ئەملىنىپ 10 كۈندە ئىممۇنىتېت كۈچى ﻫاسىل بولىدۇ . ئىممۇنىتېت ۋاقتى بەش ئاي بولىدۇ .