guide
غاز دېنىنى تەييارلاش ئۇسۇلى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
831 قىتىم
 ﻫەر خىل تەركىبلەرنىڭ مىقدارى : ئۇرۇق تۈرىدىكى ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىنكى قوشۇمچە مەﻫسۇلاتلىرى %30 - %70 ، تۈگىنەك يىلتىز تۈرىدىكىلەر ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىنكى قوشۇمچە مەﻫسۇلاتلىرى %15 - %30 ، ﻫايۋانات يىرىك ئاقسىلى %15 - %10 ، ئۆسۈملۈك يىرىك ئاقسىلى %15 - %20 ، يېشىل ئوت - چۆپ پاراشوگى %30 - %10 ، مۇۋاپىق مىقداردا كالىتسىي پاراشوكى ۋە ئاش تۇزى ، يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ، ئەمەلىي ئەﻫۋالغا قاراپ بەزى خۇرۇچلارنى قوشسا بولىدۇ .
تەركىبلەرنى ئارىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى : 1 ) پاراشوكسىمان دانلارنى ئارىلاشتۇرۇش : ﻫەرخىل ماتېرىياللارنى قۇرۇق پاراشوك ﻫالەتكە كەلتۈرۈپ ، ئاندىن ئارىلاشتۇرۇپ دانچە ﻫالەتكە كەلتۈرۈپ بەرسە بولىدۇ . بۇ ئۇسۇلدا ۋاقىت ، ئىش تېجىگىلى ۋە غازلارنىڭ دان تالىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . 2 ) پاراشوك ، دانچە دانلارنى ئارىلاشتۇرۇش : كۈندىلىك يېمىدىكى ئۇرۇق تۈرىدىكى داننىڭ بىر قىسمىنى ئۆز پېتى پاراشوك دان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلى بويىچە كۈندە بىر نەچچە قېتىم بەرسە بولىدۇ . 3 ) ئۇرۇق تۈرىدىكىلەر بىلەن يىرىك يەمنى ئارىلاشتۇرۇش : ئۇرۇق تۈرىدىكىلەرنى پاراشوك ﻫالەتكە كەلتۈرۈپ ، توغرالغان يېشىل ئوت - چۆپ ، يېشىل كۆكتات ياكى كۆپ شىرنىلىك تۈگۈنەك يىلتىز تۈرىدىكىلەرگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە ، كالىتسىي پاراشوكى ۋە خۇرۇچىلارنى ئادەتتە پاراشوك دانغا ئارىلاشتۇرسا بولىدۇ . قۇمنى ئايرىم قاچىغا سېلىپ بېرىش كېرىك .