مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئوغۇتلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىللىرى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-16
- كۆرۈلۈشى:
- 1583 قىتىم
كۆچەت مەزگىلى: بۇ مەزگىلدە مېۋىلىك دەرەخنىڭ دەرەخ تاجى بولۇق ئۆسۈپ، دەرەخ يىلتىزى چوڭىيىپ ئوزۇقلۇققا موﻫتاج بولىدۇ. ئەگەر بۇ مەزگىلدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، كېيىن ﻫەسسىلەپ تولۇقلىغان بىلەنمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ. شۇڭا فوسفورلۇق ئوغۇتقا مۇۋاپىق مىقداردا ئازوتلۇق ۋە كالىيلىق ئوغۇت ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش مېۋىلىك دەرەخنىڭ بۇرۇن مېۋىلەپ، مول – ﻫوسۇل بېرىشىدىكى ﻫالقىلىق تەدبىر ﻫېسابلىنىدۇ.
مېۋىلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى: مېۋىلىك دەرەخلەر تېخى مېۋىلىمىگەن ياكى مېۋىسى غورا بولغان ۋاقىتتا دەرەخ تاجى كېڭىيىپ، چېچەك بىخلىرى بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئازوتلۇق ئوغۇت بېرىش ئاساسىدا فوسفورلۇق ۋە كالىيلىق ئوغۇتنىمۇ قوشۇپ بېرىش كېرەك. مېۋىلەشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى: بۇ مەزگىلدە مېۋىلىك دەرەخ كۆپ مېۋىلەپ، چېچەك بىخلىرى بۆلۈنگەنلىكتىن ئازوتلۇق، كالىيلىق، فوسفورلۇق ۋە كالتسىيلىق ئوغۇتنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش، بولۇپمۇ كالىيلىق ئوغۇتنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ بېرىش كېرەك. تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلى: مېۋىلىك دەرەخلەر تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىدىن كېيىن دەرەخ ئاجىزلاشقا باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئازوتلۇق ئوغۇتنى كۆپەيتىپ بەرگەندە، مېۋىلىك دەرەخ يېڭىلىنىپ، كېلەركى يىلى ياخشى مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
