guide
ئانار كۆچىتىنى ئۇلاپ سورتىنى ياخشىلاش ئۇسۇلى
يوللانغان ۋاقتى :
03-16
كۆرۈلۈشى:
1875 قىتىم
1 . ئۇلاق ئاستىنى تالاش: ئۇلىنىدىغان ئانار دەرىخىنىڭتۇپراق يۈزىدىكى غولىنىڭ كەسمە يۈز دىئامېتىرى cm 1غا يەتسىلا ئۇلاشقا بولىدۇ.2. خىپچا ئېلىش: خىپچا ئېلىشتا ئانارنى ئۈزۈشۋاقتىدا دانىسى چوڭ، بولۇق مېۋىلىگەن، مېۋىسى تاتلىق، كېسەل ۋە زىيانداش ھاشارات ئاپىتىگەئۇچرىمىغان تۈپلەرنى تاللاپ بەلگە قىلىۋېلىپ، كۆمۈشنىڭ ئالدىدا شۇ تۈپتىكى مېۋىلىگەنشاخنىڭ ئۇچىدىكى نوتا كېسىۋېلىنىپ، خىپچا قىلىنىپ، ئاپتاپ چۈشمەيدىغان جايغا ئورا كولاپكۆمۈپ ساقلىنىدۇ ياكى مۇزخانىدا ساقلىنىدۇ. ئەگەر كۈزدە خىپچا ئېلىپ مۇز خانىدا ساقلاشتاقىيىنچىلىق بولسا، ئانار دەرىخىنى ئاچقاندا بەلگە قىلىۋېلىنغان تۈپتىن خىپچا ئېلىپئۇلىسىمۇ بولىدۇ. 3.  ئۇلاشۋاقتى: ئۇلاش مەشغۇلاتى ئانار دەرىخى ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى، ئەڭ بالدۇر بولغاندا 4- ئاينىڭ -20 كۈنلىرىگىچە ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. 4- ئاينىڭ 10- كۈندىن كېيىن ئۇلىنىدىغان خىپچا مۇز خانىدا ساقلانغان خىپچا بولۇشى كېرەك.4.   خىپچاقويۇش: ئۇلىماقچى بولغان ئانار دەرىخىنىڭ ئۇلاق ئاستى بېشى تۇپراق يۈزىدىن 5 – 7 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە ھەرە بىلەن تۈز كېسىۋېلىنىپ، ئوتتۇرىسى پىچاق ياكى چاپقۇ بىلەنيېرىلىدۇ. ئاندىن ئۇلىماقچى بولغان خىپچا 10–12 سانتىمېتىر كېسىۋېلىنىپ بىر يېنىنىنېپىزراق تەرىپى يېرىلغان ئانار تۈپىنىڭ قوۋزاق تەرىپىگە ئۇدۇل كەلتۈرۈلۈپ ئىككى خىپچاقويۇلىدۇ. خىپچىنىڭ يونالغان قىسمىدىن cm 0.5قىسمى يېرىق سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، سىرتىغا بىر قەۋەت قەغەز قويۇپ، شوينا بىلەن مەھكەمتېڭىلىدۇ ۋە ئۇلاق ئۈستىگە لاي سېلىنىدۇ. سىرتىغا سۇلياۋ خالتا كىيگۈزۈپ چىگىپ قويىلىدۇ. مۇمكىن بولسا، ئۇلاش مەشغۇلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر قېتىم سۇغىرىلىدۇ. ئۇلاش تېخنىكاتەلەپلىرى تولۇق ئورۇندالسا، قويۇلغان خىپچا سۇلياۋ ئىچىدە كۆكلەيدۇ. يېڭى بىخلار 2–3 سانتىمېتىرغا يەتكەندە كەچقۇرۇن سۇلياۋ خالتىنىڭ ئۇچى ئازراق تېشىلىپ، يېڭى بىخلار قۇياشنۇرىغا كۆندۈرۈلىدۇ ۋە 3–4 سانتېمىتىر غا يەتكەندە بارلىق قەغەز ۋە چىگىلگەن شوينائېلىۋېتىلىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلسا،ئۇلانغان ئانار دەرىخىنىڭ ياشىرىشنىسبىتىنى %98 كە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.