باغ پەرۋىشىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-16
- كۆرۈلۈشى:
- 842 قىتىم
كۈزلۈك ئوغۇتلاش: مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى ئۈزۈپ بولۇپ، دەرەخنىڭ سايىسى چۈشمەيدىغان دائىرىدە ﻫالقا شەكىللىك، چوڭقۇرلۇقى 50 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 60 سانتىمېتىر ئورەك كولاپ، ئورەككە ئوغۇت تۆكۈپ توپا بىلەن كۆمىمىز. ئوغۇتنىڭ ئاز – كۆپلۈكى دەرەخنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ، تەخمىنەن ﻫەر بىر تۈپكە چىرىگەن ئوغۇتتىن 150 200كىلوگىرامغىچە، يەنە ئۇنىڭغا بور، تۆمۈرلۈك سولفاتتىن 150 گىرامدىن، كالتسىي سۇپىر فوسفاتتىن 1.5 0.5 كىلوگىرامغىچە كۆمىمىز.
چوڭقۇر ئاغدۇرۇش: ئاغدۇرۇش چوڭقۇرلۇقى دەرەخنىڭ ئاساسلىق يىلتىزى تارقالغان تۇپراق قەۋىتىدىن چوڭقۇر بولىدۇ. تەكشى ئاغدۇرىمىز، ئاغدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوغۇتلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قاندۇرۇپ سۇغىرىمىز. ئۆسۈشى توختىمىغان ﻫارام شاخلارنىڭ ئۇچىنى كېسىۋېتىمىز.
شاخلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى كونترول قىلىش: ﻫەددىدىن زىيادە قويۇق شاخلارنى چاتىۋېتىپ، ئوزۇقلۇقنى ساقلاپ قالىمىز، بۇ چېچەك بىخلىرىنىڭ پىشىشىغا پايدىلىق.
چاتاش: مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، سورتلارنىڭ پەرقىگە ئاساسەن مۇۋاپىق چاتايمىز، بالدۇر پىشىدىغان سورتلارنى بۇرۇن چاتايمىز، كېيىن پىشىدىغان سورتلارنى كېيىنرەك چاتايمىز. چاتىغاندا كېسەل تەككەن، ﻫاشارات زىيان سالغان، قويۇق ئۆسكەن شاخلارنى چاتىۋېتىپ ياكى قىسقارتىپ، دەرەخ تۈپىدە مۇۋاپىق دەرەخ تاجىسىنى شەكىلەندۈرۈپ، مېۋىلىك دەرەخنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىساق، مول – ﻫوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلالايمىز.