guide
ئالما دەرىخىدىكى قاسراقلىق قۇرتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
يوللانغان ۋاقتى :
03-16
كۆرۈلۈشى:
1165 قىتىم
                                                               پاشاگۈل ئابدۇراﻫمان
  ئادەتتە ئالمىغا زىيان سالىدىغان قاسراقلىق قۇرتنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالمىغا قاسراقلىق كىلون قۇرتى، نەشپۈتنىڭ يۇمىلاق قاسراقلىق قۇرتى، شاپتۇلنىڭ قاسراقلىق قۇرتلىرى ئاساسلىق زىيان سالىدۇ.
  بۇ خىل زىيانداش ﻫاشاراتلارنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن يوقاتقىلى بولىدۇ.
 1.كۆچەتنىڭ قەلەمچە قىلىدىغان نوتىلىرىنى يۆتكەش جەريانىدا، بۇ خىل قۇرتنىڭ بىللە يۆتكىلىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تېخنىكىلىق ئۆلچەم بويىچە تەكشۈرۈپ، كارانتىن تارماقلىرىنىڭ قاتتىق كارانتىن قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
 2. قىشتىن ئۆتۈش جەريانىدا قاسراقلىق قۇرت مەنبەسىنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك. يەنى قىشلىق چاتاشقا بىرلەشتۈرۈپ، قاسراقلىق قۇرت بار شاخلارنى چاتىۋېتىش ياكى قىش ئۆتكەندە چوتكىلاپ چۈشۈرۈۋېتىپ، ﻫاشارات بار شاخلار بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك.
 3.دورا بىلەن يوقىتىش كېرەك. مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ بىخلىرى كۆكلەپ يوپۇرماق چىقىرىشتىن 20 كۈن ئىلگىرى %5لىك ﻫاك – گۈڭگۈرت ئېرىتمىسى ياكى %5 – %6 لىك سەنەركە سۇيۇقلۇقىنى پۈركۈش ئارقىلىق بۇ خىل قۇرت مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك. ئادەتتە %0.3 لىك ﻫاك – گۈڭگۈرت ئېرىتمىسىنى، 1000 ﻫەسسە سۇيۇلدۇرۇلغان %80لىك دىدىۋىنى چاچسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
 4 .يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەخسۇس قاسراقلىق قۇرتنى ئۆلتۈرۈش دورىلىرىنى ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
  ( ئاپتور: يەكەن ناﻫىيەلىك يېزائىگىلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە مەكتىپىدىن)