guide
ئەنجۈرنى قىشتا پۇتاش ئۇسۇلى
يوللانغان ۋاقتى :
03-16
كۆرۈلۈشى:
1091 قىتىم

       غول ۋە تارماق شاخلىرىنى مۇۋاپىق چاتاش؛ غول، تارماق شاخلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئاجىز شاخلارنى مۇۋاپىق چاتاپ تۇرۇش، چوڭ شاخلارنى مۇۋاپىق شالاڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئەنجۈرنىڭ ﻫارام شاخلىرىدىن باشقا، يېڭى ئۆسۈپ چىققان شاخلارنىڭ كېيىنكى يىلى مېۋىلەش ئېﻬتىماللىقى بار، ئەگەر ئۇلارنىڭ ﻫەممىسى قالدۇرۇپ قويۇلغاندا، زىيادە زىچ بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا زىيادە زىچ شاخلار ۋە ئىنچىكە، ئاجىز شاخلارنى مۇۋاپىق شالاڭلاشتۇرۇش كېرەك. كېيىن پىشىدىغان سورتلارنىڭ مېۋىلەيدىغان شاخلىرى بەك كۆپ بولسا چاتىۋېتىش، ئازراق بولسا قالدۇرۇپ قويۇش كېرەك. بالدۇر پىشىدىغان سورتلارنىڭ مېۋىلەيدىغان شاخلىرىنى ئادەتتە چاتىۋەتمەسلىك كېرەك. باشقا سورتلارنىڭ مېۋىلەيدىغان شاخلىرىنى چاتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، ﻫوسۇل مىقدارىغا تەسىر يەتمەيدۇ. مېۋىلەش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ﻫەم مېۋىلەيدىغان قىسمىنىڭ يۆتكىلىش سۈرئىتىنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆسۈشى ئاستا بولغان تارماق شاخ ۋە قوشۇمچە ئوزۇقلىنىش شېخىنى شالاڭلاشتۇرۇۋەتسە، ئەنجۈرنىڭ غولى تېخىمۇ چوڭىيىدۇ.