guide
چىلاننى كۈزدە ئاساسىي ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش تېخنىكىسى
يوللانغان ۋاقتى :
03-16
كۆرۈلۈشى:
1773 قىتىم
1. چىلاننى كۈزدە ئاساسىي ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشنىڭ ئەﻫمىيىتى. چىلاننى كۈزدە ئوغۇتلىسا، دەرەخ غولىدا ئوزۇقلۇق توپلاپ، شاخنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلەتكىلى، ياغاچلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، دەرەخنى كۈچلەندۈرگىلى، قىشتىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى، ئىككىنچى يىلى مول ﻫوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
2. ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش. قىغ، مەﻫەللىۋى ئوغۇت، يېشىل ئوغۇت، كۈنجۈرە، گەندە قاتارلىق ئورگانىك ئوغۇتنى ئاساس قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا مەخسۇس بىرىكمە ئوغۇت قوشۇپ ئوغۇتلاش كېرەك. تۈپنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، مەﻫسۇلات مىقدارىغا ئاساسەن ئوغۇتلاش مىقدارىنى بېكىتىش كېرەك. ئادەتتە، ﻫەر تۈپنى 30kg - 50kg ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىسا بولىدۇ. ئوتاش، باغنى تازىلاشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئوت - چۆپ، غازاڭنى قۇر ئارىلىقىغا چوڭقۇر كۆمۈپ، تۇپراقنىڭ ئورگانىك تەركىبىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
3. بالدۇر ئوغۇتلاش. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يىلتىزنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ئوغۇتلاپ يېرىم ئايدىن كېيىن يېڭى يىلتىز چىقىپ، ئوزۇقلۇق، سۇ سۈمۈرىدۇ، بۇ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشكە پايدىلىق. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ئوغۇتلىغان ياخشى.
4. ئوغۇتلاش ئۇسۇلى. باغدىكى تۈپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، زىچلىقى، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئاساسىي ئوغۇت ئەﻫۋالىغا ئاساسەن، تۈز چۆنەكلەپ ئوغۇتلاش، ﻫالقىسىمان چۆنەكلەپ ئوغۇتلاش، چاچما تۈز چۆنەكلەپ ئوغۇتلاش ۋە ئورەك كولاپ ئوغۇتلاش ئۇسۇللىرىنى قوللانسا بولىدۇ. چۆنەك، ئورەكنىڭ چوڭقۇرلۇقى 30cm - 40cm بولۇش كېرەك. ئوغۇتلاش ئۇسۇلىنى ﻫەر يىلى ئالماشتۇرۇش، چۆنەك ئالغان، ئورەك كولىغاندا ئىمكانقەدەر يىلتىزنى ئاز زەخىملەندۈرۈش، بولۇپمۇ دىيامېتىرى 0.5cm دىن توم بولغان يىلتىزنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
5. چوڭقۇر ئاغدۇرۇش. كەچ كۈز، باش قىشتا تۇپراق توڭلاشتىن ئىلگىرى چىلانلىقنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇر ئاغدۇرسا، تۇپراقنى يۇمشىتىپ، يىلتىز سۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى ﻫەمدە يەر يۈزىدىكى قالدۇق ئوت - چۆپ، غازاڭلارنى تۇپراققا چوڭقۇر كۆمىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇپراقتا قىشلىغان كىچىك ئۆزەك قۇرتى، چىلان يېپىشقاق زەمبۇرۇغى، چىلان گەزلىمە قۇرتى قاتارلىق زىيانداش ﻫاشاراتلارنى تۇپراق يۈزىگە چىقىرىپ يوقاتقىلى بولىدۇ. 20cm چوڭقۇرلۇقتا ئاغدۇرسا مۇۋاپىق.
6. تىرنىلاپ نەملىك ساقلاش. توڭ ياتقۇزغاندىن كېيىن يەر ئازراق قۇرىغاندا باغنى تىرنىلاپ، تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ساقلاش كېرەك. بۇنىڭدا يەنە ئەتىيازدا تۇپراق تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلەپ، توڭ بالدۇر ئېرىيدۇ، بۇ چىلان يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ﻫەرىكىتى ۋە بىخلىنىشىغا پايدىلىق.